بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا خىتاينىڭ زور ھەربىي كۈچىنى سېلىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىك قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن خىتاي تۆت ھەربىي رايونىدىكى ئۈچ خىل ئارمىيىسىدىن تەشكىللەنگەن ئىككى يۈز مىڭغا يېقىن ساقچى - ئەسكەرنى ئىشقا سالىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.01
Olympik-missile-gard-305 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻨﻰ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺯﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﻬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

 بۇنىڭ ئىچىدە 34 مىڭى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ جەڭچى، ئوفېتسىرلىرى بولۇپ، 74 ھەربىي ئايروپىلان، 48 تىك ئۇچار ھەمدە 33 ھەربىي پاراخوت ۋە باشقا زور مىقداردىكى زامانىۋى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىدىكەن.

خىتاي ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئولىمپىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى بولسا، ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانى ئىچى ‏ - سىرتىنى تېررورچىلارنىڭ ھاۋادىن، يەردىن ھەمدە دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس ۋەزىپە قىلغان ئىكەن.

خىتاينىڭ ئولىمپىك تەييارلىقىغا زور مىقداردا ئەسكىرى كۈچىنى چىقىرىشى دۇنيا مەتبۇئاتىدا، خىتاي ھەربىي تەھدىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ قايتا كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۇنچە زور مىقداردا ھەربىي كۈچى ئىشلىتىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ دېگەن تېمىدا ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ مەلۇم ھەربىي قىسىمدا تۇرغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلشات ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.