خىتاي رەھبەرلىرى ئولىمپىك يېقىنلاشقانسىرى جەمئىيەتتىكى تۇراقسىزلىقلاردىن شۇنچە بەك چۆچۈمەكتە

خىتاي رەھبەرلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان ۋاقىت يېقىنلاشقانسىرى، خىتايدىكى ھازىرقى تۇراقسىز ۋەزىيەتتىن شۇنچە بەك ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەنە ھەر خىل جىددىي چارە ‏- تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى تېخىمۇ قاتتىق بولماقتا.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008-07-07
Share

 'ھازىر خەلقئارادا ۋە دۆلىتىمىز ئىچىدە ۋەزىيەت جىددىي.'..

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەننەن مياۋزۇ- بۇيىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ۋېڭئەن ناھىيىسىدە 30 مىڭ كىشىلىك كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرگەن. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 150 تەك پۇقرا ۋە ساقچى يارىلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ياڭ خۇەننىڭ 'ھازىر خەلقئارادا ۋە دۆلىتىمىز ئىچىدە ۋەزىيەت جىددىي. جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش كېرەك' دەپ جاكارلىغان.

خىتاينىڭ بۇنداق قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۆپىنچە ھالدا ئۈرۈمچى، لاسا ئايرودۇرۇملىرىغا قارىتىلغان

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، چىڭداۋ، تيەنجىن، شى جاجۇاڭ، جىنەن، ئۈرۈمچى، لاسا قاتارلىق 19 ئايرودرومىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قاتتىقلاشتۇردى. 'ئاسان ئوت كېتىدىغان بۇيۇملار'نى ئېلىپ ماڭغان يۇلۇچىلارغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، كېچىكىپ، ئايروپىلاندىن قېلىپ قالسا يولۇچىلار سېتىۋالغان بىلەتكە مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ بۇنداق قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۆپىنچە ھالدا ئۈرۈمچى، لاسا ئايرودۇرۇملىرىغا قارىتىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا، شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى ئولىمپىككە ھۇجۇم قىلماقچى، تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى دېگەننى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 'خەتەرلىك ئامىللار' دەپ قاراپ، ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر قانچە مەسىلە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر خەلقنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت خەلقنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىدا خرىستىيان، كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەم سانى كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا تەڭلىشىپ قالغانلىقى، ئولىمپىك جەريانىدا بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز ئېيتىدىغان ئادەم سانى بارغانسېرى كۆپۈيىۋاتقانلىقى، مانا بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خەتەرلىك ئامىللار دەپ قاراپ، قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە.

خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئۆزى قورقىۋاتىدۇ

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر مەخپىي ھۆججەت تارقىتىپ، 1990 ‏- يىلىدىن 2007 ‏- يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تۈرمىدىن ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرگە، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قايتىدىن تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى، ئۇلارنى ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۈگىگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قايتىدىن تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت قوللىنىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت