ئۆركەش دۆلەت گوللاندىيە پارلامېنتىدا خىتاي ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپات بەردى

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، گوللاندىيە پارلامېنتىدا 10-دېكابىر خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇقى بوغۇلۇۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. يىغىنغا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ۋەكىلەر قاتناشقاندىن باشقا يەنە، تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەتمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

بىز بۇ ھەقتە، ئۆركەش ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان "ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى"نىڭ رەئىسى غەيرەت روزى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.