قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ تەكشۈرۈش كومىتېتى ئوش ۋەقەسىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى جاكارلىدى

2010-يىلى 6-ئايدا قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشتا، يۈزلىگەن كىشى ئۆلگەن ۋە 400 مىڭغا يېقىن كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام
2011.06.15
Osh-Qirghizistan-Esker-Tanka-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﺋﻮﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئاساسەن ئۆزبېكلەر بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كېيىن جازالانغانلارمۇ يەنە ئۆزبېكلەر بولغان. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋەقەنىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەقە ئۈستىدە ئادىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، جازالاشقا چاقىرىۋاتقان ئىدى.

يېقىندا قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل كومىتېتى ئەينى چاغدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى قارار قىلغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.