ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنىڭ ماھارىتى ۋە شەرقى تۈركىستان بايرىقى شۋېتسىيىدىكى مۇسابىقە تاماشىبىنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

شۋېتسىيىدە داۋام قىلىۋاتقان خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۈمىد پۇتبول كوماندىسى تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن يەنە ئۈچ كوماندا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ ھەر ئۈچ كوماندىنى يەڭگەن.

0:00 / 0:00

شۋېتسىيە ئاخباراتىدىكى خەۋەرلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول ماھارىتى ۋە مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاماشىبىنلار ساھەسىدە لەپىلدىگەن شەرقى تۈركىستان بايرىقى مۇسابىقە تاماشىبىنلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

شۋېتسىيىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۈمىد كوماندىسى تۈنۈگۈن گېرمانىيىدىن كەلگەن بىر كوماندىنى 0 گە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يەڭگەن. بۈگۈن يەنە شۋېتسىيىنىڭ ئىككى كوماندىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0گە قارشى 4 ۋە 1گە قارشى 10 نەتىجە بىلەن يەڭگەن.

شۋېتسىيىدە خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلار. 2012-يىلى ئىيۇل.

شۋېتسىيىدىكى 4-چوڭ گېزىت ھېسابلىنىدىغان يۇتۇبورگ پوچتىسى، يۇتۇبورگدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ھەققىدىكى بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان. خەۋەردە خىتاي كوماندىلىرى ئارىسىدا كەلگەن ئۈمىد كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئەسلى مىللىي كىملىكى، ئۇلارنى قوللاپ -مەدەت بەرگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ تەسىراتلىرى ۋە بۇنىڭغا قارىتا خىتاي كوماندا يېتەكچىسىنىڭ ئىنكاسى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ مەدەت بەرگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇخبىر خىتاي كوماندا باشلىقىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇلارنى توسۇشتا ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئەھۋالنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىر «ئەگەر بۇ ئەھۋال جۇڭگودا يۈز بەرسە قانداق بولاتتى؟» دەپ سورىغاندا ئۇ «ئۇ چاغدا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالىناتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. خىتاي تېرىنېرىنىڭ بۇ جاۋابى، يوتوبورگ پوچتىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە چوڭ ھەرپلەردە يېزىلىپ ۋە قىزىل رەڭدە بويىلىپ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن تارتىۋاتقان زۇلۇملىرى، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتقۇن، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئەپەندى ۋە مۇسابىقىنى نەق مەيداندا تاماشا قىلغان ۋە ئۇيغۇر پۇتبولچىلارغا مەدەت بەرگەن پائالىيەتچى نەبىيجان ئەلالار مەيداندىكى ۋەقە ۋە تەسىراتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇسابىقىنىڭ 1-كۈنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىدىن 7 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا، ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنى قوللاش ئۈچۈن مۇسابىقە مەيدانىغا يېتىپ بارغان. ئۇلار ئالدى بىلەن مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تېرىنىر ۋە پۇتبولچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن سالاملاشقان ۋە ھال سورىغان. ئارقىدىن تاماشىبىنلار ساھەسىگە قايتىپ كېلىپ شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىپ مۇسابىقىنى تەنتەنە قىلغان. ئۇلار «ئالغا ئۇيغۇر، غەيرەت قىل ئۇيغۇر»، «ھۇررا ئۇيغۇر» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. بۇ شوئارلار،بولۇپمۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، خىتاي كوماندا يېتەكچىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ۋە ئۇيغۇر تېرىنىر ۋە خىزمەتچىنى ئوتتۇرىغا سېلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

بۇ قېتىم شۋېتسىيىدە خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان ئۈمىد كوماندىسى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى سادىقجان-ساقاجى نامىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدۇر.