ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن كۈرەش - ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئېلىشىشى (1)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2008.12.31
2008.12.31

AFP Photo
شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر رايون خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ ھەقتە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئۆزىگە خاس قاراشلارغا ئىگىدۇر.
ئوتتۇرا ئاسىيا قانداق جاي؟
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى 4 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئەتراپى كۆپ دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ.بۇ زېمىندا ئاساسلىقى، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، تۈركمەن ، رۇس، ئۇيغۇر، قارا قالپاق، تاتار قاتارلىق تۈركىي ، سىلاۋيان ۋە ئىران تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان ھەم ئىسلام دىنى ۋە خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ياشايدۇ. ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى بۇ زېمىندا يۇقىرىدا نامى ئاتاپ ئۆتۈلگەن ئاساسلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 دىن ئارتۇق مىللەتنىڭ ياشايدىغانلىقلىرىنى، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت ئىكەنلىكلىرىنى دائىم تىلغا ئالىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان . بۇ جايدا يەنە كۆمۈر، ئالتۇن، ئۇران قاتارلىق قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىمۇ مول ھېسابلىنىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستاننىڭ نېفىت مەنبەلىرى كۆپلەپ ئېچىلدى. تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانمۇ كۆپ جايلاردىن تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى بايقاپ، ئۇنى ئېچىشقا كىرىشتى . نۆۋەتتە، بۇ ئۈچ دۆلەت رۇسىيە، خىتاي ۋە باشقا مەملىكەتلەر بىلەن زور مىقداردا نېفىت ھەم تەبىئىي گاز كېلىشىملىرى تۈزگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستان مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى دۇنيانىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىستىمال رايونلىرى بىلەن باغلىماقتا. قىسقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل مول ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكى رۇسىيە، خىتاي ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رىقابەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.
خىتاي مۇتەخەسىسنىڭ قارىشىچە ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاي-ئامېرىكا-رۇسىيە ئارىسىدىكى تالىشىش نۇقتىسى
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيىلىك تالىشىش نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارغا ئىگە. بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ كې ئۆزىنىڭ "ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن كۈرەش- ئامېرىكا-رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئېلىشىشى " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بەزى ئۆزىگە خاس بولغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي-ئامېرىكا-رۇسىيە ئارىسىدىكى تالىشىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى.ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى غەرب مودېلى بويىچە دۆلەتنى ئۆزگەرتىشكە ۋە تېز سۈرەتتە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. سىياسىي جەھەتتە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيىدىن يىراقلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى غەربنىڭ دېموكراتىك سىياسىي قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئامېرىكا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ زور ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ھەمدە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيىسىنى ئېچىش ھەم توشۇشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشكە تىرىشتى. بىخەتەرلىك جەھەتتە بولسا ، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىدىكى رولى ۋە تەسىرىنى ئاشۇردى . 11-سېنتەبىردىن كېيىن، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇردى.
ۋاڭ كې ئىسىملىك مەزكۇر خىتاي مۇتەخەسسىسىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىدە ۋلادىمىر پۇتىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشەپ، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر بەش دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈردى.
پۇتىن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا قاراتقان تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى. مېدۋېدېۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن، پۇتىننىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.