سۇدىخان «ئۆيىمىزدىن ھايدالدۇق، 15 كۈندىن بېرى مېھمانخانىدا يېتىۋاتىمىز»

دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ بىر پەردىزى ياكى بىر باھانىسى مەۋجۇتتۇر؛ ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلىرىنىڭ ئۇنداق ئەمەس.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qeshqer-cheqish-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
AFP Photo


بالىسىنى ئۆيىدىن رەسمىيەتسىز تۇتۇپ ئەكىتىش، ئىز - دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىش، سوراپ بارسا جاۋاب بەرمەسلىك، بەكرەك سۈرۈشتە قىلسا، تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن كۆچۈرىۋېتىش؛ مانا بۇ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا كۆرسىتىۋاتقان كۈنلىرى. ھەقسىزلىقنىڭ مانا بۇ خىل تۈرىنىڭ تارىختا بولۇپ باققان ياكى باقمىغانلىقى سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى تارىخچىلارغا قالدۇرىمىز. بىز ئاخباراتچىلىقىمىز بويىچە، ئەنە شۇ ھەقسىزلىققە ئۇچراۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ پەريادىنى جەمئىيەتكە يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز، غايىپلاردىن مەمەت باراتنىڭ ئانىسى سۇدىخان مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى ئالتۇنبۇلاقتىكى ئىجارە ئۆيىدىن قوغلانغان، ئۇ 15 كۈندىن بېرى نەۋرىسى ۋە يولدىشى بىلەن بىرلىكتە ئالتۇنبۇلاقتىكى يەكەن - ئارال مېھمانخانىسدا كۈن ئۆتكۈزمەكتە.

تۆۋەندە دىققىتىڭلار ۋەقەنىڭ جەريانىدا بولغاي. پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.