ئۆزگەرمەس سىياسەت، ئۆزگەرمەس زۇلۇم!

يېقىندا چاقىرىلغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، قانۇن تارماقلىرىنىڭ 2010 - يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاننىڭ بىرىنچى ماددىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلىمۇ ھەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق - ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش "3 خىل كۈچلەر" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىدۇ.
ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2010-01-06
Share
Dolqun-eysa-305 ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo

ئۇندىن باشقا يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەنمۇ يېڭى يىل ھارپىسىدا قەشقەردە قىلغان سۆزىدە، " قەشقەر ۋە ئاتۇش رايونى بولسا مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىنقى سىپى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى" دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق سىگنالىنى بەرگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ زىيارەت سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (1)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Jan 07, 2010 01:30 AM

ﺧﺘﺎﻳﻐﺎ ﯲﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﯟﻩﺭﺳﻪﻙ
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯰﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﺗﯩﺪﯗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺮﯨﺪﯗ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻴﺪﯨﻜﻰ ﯪﺳﺎﺭﻩ ﯬﺗﯩﺠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﯲﻣﺮﯨﻨﻰ
ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺑﯘﻳﯩﻤﻰ ﯮﺭﻧﯩﺪﺍ ﯲﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﯩﺰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ ﯬﯞﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ
ﯬﯓ ﯪﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﯪﺗﯩﺴﺎ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﯪﻟﯩﺪﯗ ،ﻧﻪﭘﺴﯩﮕﻪ
ﯪﺗﯩﺴﺎ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﯪﻟﯩﺪﯗ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت