ئۆزگەرمەس سىياسەت، ئۆزگەرمەس زۇلۇم!

يېقىندا چاقىرىلغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، قانۇن تارماقلىرىنىڭ 2010 - يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاننىڭ بىرىنچى ماددىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلىمۇ ھەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق - ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش "3 خىل كۈچلەر" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىدۇ.

0:00 / 0:00

ئۇندىن باشقا يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەنمۇ يېڭى يىل ھارپىسىدا قەشقەردە قىلغان سۆزىدە، " قەشقەر ۋە ئاتۇش رايونى بولسا مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىنقى سىپى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى" دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق سىگنالىنى بەرگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ زىيارەت سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.