شاڭخەيدە بىر ئۇيغۇر ئايال ساقال تىغى بىلەن بېلىكىنى كېسىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي 2001-يىلى ئەمگەك قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش ئىشتا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارغا ۋاقىتلىق ئىشچى ۋە دۆلەت ئىشچىسى دېگەن ئايرىمىچىلىق بىلەن پەرقلىق مىقداردا ھەق بېرىلىشىنى چەكلىگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.04.20
baosteel-bagang-305.jpg ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ شاڭخەيدىكى باش شىركىتى.
AFP

ئەمما خىتاي قانۇنىنىڭ بۇ ئادالىتى ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا نېسىپ بولمىغان. زاۋۇتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 1000 دىن ئارتۇق ۋاقىتلىق ئىشچى، زاۋۇتتىكى خىتايلارنى ئاساس قىلغان نەچچە مىڭلىغان دۆلەت ئىشچىلىرىغا نىسبەتەن ھەر ئايدا 1000 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەن ھەق ئالغان. 3 يىلدىن بېرى مانا بۇ ھەقسىزلىققا قارشى قانۇنىي يول بىلەن داۋا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچى رەيھانگۈل مەترېھىم، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى پولات زاۋۇتىنىڭ شاڭخەيدىكى شىركەت بىناسىنىڭ ئالدىدا بىلىكىنى ساقال تىغى بىلەن كېسىپ شىركەت ۋە ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى.

پولات زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارغا، ئوخشاش سېختا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلارغا نىسبەتەن ھەر ئايدا 1000 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەن ھەق بېرىلمەكتە. بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تېخى يېقىندىلا بايقىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئىشچىلار، زاۋۇتتىن كەم بېرىلگەن مائاشىنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ داۋالاشماقتا. بۇ ئىشچىلارنىڭ ھېساباتى بويىچە، زاۋۇتتىكى 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ھەربىرىگە 100 مىڭ يۈەن بىلەن 200 مىڭ يۈەن ئارىسىدا تۆلەم بېرىلىشى كېرەك. بۇلار 3 يىلدىن بېرى شىركەتكە تەلەپ سۇنۇش ۋە سوتقا ئەرز قىلىش يولى بىلەن داۋالىشىپ كەلگەن. دەۋاگەرلەردىن رەيھانگۈل مەترېھىم نۆۋەتتە پولات زاۋۇتىنىڭ شاڭخەيدىكى باش شىركىتى بىلەن داۋالاشماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن قىيىنچىلىقلار كىشىلەرنى تۈرلۈك شەكىللەردە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يىڭنە سانجىش ۋەقەسى، تۈنۈگۈن قەشقەردە يۈز بەرگەن يولدىن ئۆتكەنلەرگە پىچاق تىقىپ ئارقىدىن ئۆزىنى بوغۇزلىۋېلىش ۋەقەسى ۋە رەيھانگۈلنىڭ بېرتىۋا بىلەن بېلىكىنى كېسىپ قان ئېقىتىش ئارقىلىق ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىشى، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى چارىسىزلىقنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ھەق-ھوقۇقتىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.