خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇنى پاكىستاندا ساختا ئۇيغۇر جامائىتى كۈتۈۋالغان

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ پاكىستانغا زىيارەتكە كەلگەندە، ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئەلچىخانىدا مىڭ جيەنجۇنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.10.14
riza-xan-pakistan-xitay muhajirlar-jemiyiti-305.jpg پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رىزا خاننىڭ پاكىستاندىكى «ئىقتىسادقا نەزەر» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ بىر. 2011-يىلى فېۋرال.
RFA/Shohret Hoshur

مۇراسىمغا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ دەۋەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنى مۇراسىمغا ئەكېلىشنى، پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىگە تاپشۇرغان. ئەمما پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى، مۇراسىمغا بېرىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باشلىقلىرى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم يەرلىك پاكىستانلىقلارنى ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈپ، ئەلچىخانىغا ئاپارغان. نەتىجىدە مىنىستىر مىڭ جيەنجۇنى پاكىستاندا ساختا ئۇيغۇر جامائىتى كۈتۈۋالغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ پاكىستاننى زىيارەتكە كەلگەندە، ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدا خىتايچە زىياپەت بېرىلىپ، ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار ئوينالغان.

پاكىستاندىكى يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر مەزكۇر مۇراسىمنىڭ تەشكىللىنىش جەريانى، ئاتالمىش ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قانداق تەشكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

پاكىستاندىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنكى مۇراسىمغا راۋالپىندىدىن 10 غا يېقىن كىشى، گىلگىتتىن 20 دىن ئارتۇق كىشى بولۇپ جەمئىي 30 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بۇلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى رىزاخان ئىسىملىك كىشى بولۇپ، بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم مىڭ جيەنجۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ساختا ئۇيغۇر جامائىتى تەشكىللىگەن بۇ كىشى، خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن 4-5 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى جامائەت ئەربابى دەپ تونۇلماقتا ۋە خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ خىزمەتكە سېلىنماقتا. ئەمما ئۇنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش نىيىتىنىڭ ساپلىقى پاكىستاندىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلاردا گۇمان پەيدا قىلماقتا.

رىزاخاننى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان ساختا جامائەت ئەربابى دەپ قارىغۇچىلاردىن يەنە بىرىمۇ رادئومىزغا ئۇچۇر بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Oct 17, 2011 10:19 AM

قارمايدا تۆنۈگۈن 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ ، قارىغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئوخشايدۇ.ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقساڭلار.