ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئايالنىڭ بالىلىرى بىلەن يۇرتىغا قايتىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى

ئائىلە خاپىچىلىقى سەۋەبلىك ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئايال بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇرتىغا قايتماقچى بولغاندا، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى توسقۇنلۇق قىلغان. كورلىلىق ئايال ئاسىيەنىڭ ئۆزى ۋە ئىككى بالىسى خىتاي پۇقراسى قالغان ئىككى بالىسى پاكىستان پۇقراسى بولۇپ، خىتاي كونسۇلى ئاسىيەنىڭ بۇ بالىلارنى يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن يولدىشىدىن ۋە پاكىستاندىكى يەرلىك دائىرىلەردىن خەت تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ نۆۋەتتە ھاياتى بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىد ئاستىدا ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلمىغان؛ ئۇنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى بىلەنمۇ كارى بولمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.07.14

ئائىلە خاپىچىلىقى سەۋەبلىك ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ئايال، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭمۇ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭدىن پۈتتۈرۈشى مۇمكىن بولمىغان رەسمىيەتلەرنى تەلەپ قىلغان.

ئاسىيە كېرەم ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا خىتاي ئەلچىخانىسى ئىگە بولمىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇنىڭدىن ھال سورىغان ۋە تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرغان. پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە سۆز قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.