پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بالىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىدى

ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا پاكىستاننىڭ راۋالپىندىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى ئېچىپ بەزى پائالىيەتلەرنى باشلاتقان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پاكىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىش كۇرسىمۇ بار ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.04.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Pakistan-ana-til-mektep-305 ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇ ۋاقىتتا ئانا تىل كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى 15 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ سانى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 100 دىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇلار تۇنجى قېتىم بۇ يىل نورۇز بايرىمىنىمۇ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئانا تىلىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ كەتكەن.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت