ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە روھىي كەيپىياتى ھەققىدە ئۇلارنىڭ تەرجىمانى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى ۋە 6 ئۇيغۇردىن بىرى بولغان ئەلى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەمتىمىن ئەلا، 6 ئۇيغۇرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن،
[ پالاۋنىڭ پرېزىدېنتىOpens in new window ]
، مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بولۇپ 30 دىن ئارتۇق كىشى چىققانلىقىنى، پالاۋ پرېزىدېنتىنىڭ بۇ 6 ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلىشىشىغا بىۋاستە ئارىلىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سابىق مەھبۇسلاردىن ئەلى مۇھەممەد، ئۆزلىرىنىڭ گۇئانتانامو ھاياتىدىكى ۋە پالاۋغا يۆتكىلىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ پالاۋ پرېزىدېنتى ۋە خەلقىنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىدىن مەمنۇنلىغىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، تۈرمىدىن چىقىپلا يەنە خىتاينىڭ توسالغۇسىغا يولۇققانلىقىدىن غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: " ئەلۋەتتە تۈرمىدىن قۇتۇلغىنىمىزغا خوش بولۇشىمىزدىكى سەۋەبلەردىن بىرى ئائىلە - تاۋاباتىمىز بىلەن سۆزلىشىش، ئۇلارغا تېنچ - ئامانلىقىمىزنى يەككۈزۈپ خاتىرجەم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىدى. ئەپسۇسكى، تۇنجى توسالغۇ يەنە خىتايدىن كەلدى. خىتاي تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنى توسۇۋەتكىنى ئۈچۈن ھېچقايسىمىز ئائىلىمىز بىلەن كۆرۈشەلمىدق."
ئەلى مۇھەممەد يەنە، تۈرمىدىن قۇتۇلغىنى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، بىراق پالاۋ ئۇلار ئۈچۈن ئۆتكۈنچى ماكان بولغىنى ئۈچۈن، يەنى ئاخىرقى قارارگاھى تېخى ئېنىق بولمىغىنى ئۈچۈن يەنىلا ئەندىشىلىرىنىڭ تۈگۈمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەلى مۇھەممەد سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ھاياتىدا ئاۋارىچىلىقتىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گۇانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇۋېتىلىپ پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرغان بۇ 6 ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.
