پالاۋ ئارىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

پالاۋ پرېزىدېنتى Johnson Toribiong، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن، پالاۋدىكى ئالىي تېخنىكومغا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.12.08
Duq-Ilshat-hasen-Palaw-prezidenti-Toriboung-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺎﻻﯞ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺟﻮﻧﺴﻮﻥ ﺗﻮﺭﯨﺒﺌﻮﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻜﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﺸﺎﺕ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﻻ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻻﯞﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ Tedd Glen ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
RFA Photo / Shohret Hoshur

گۇئام ئارىلىدا چىقىدىغان گۇئام خەۋەر تور بېتىدا، پالاۋ پرېزىدېنتى جوھنسون تورىبىئوڭنىڭ، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە يېقىندا پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېيتقان سۆزلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پرېزىدېنت جوھنسون سابىق 6 ئۇيغۇر مەھبۇسىنىڭ پالاۋ ئارىلىدا ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە پالاۋ جەمئىيىتىگە يېقىندىن ماسلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرگەن.

پرېزىدېنت جوھنسون يەنە، پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 ئۇيغۇرنىڭ پالاۋ جەمئىيىتىگە تامامەن ماسلىشىشى ئۇچۇن ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، تۇرالغۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشاش ھەر خىل ئېھتىياجلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋ پرېزىدېنتى مۇخبىرغا يەنە، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك تەلىم-تەربىيە پروگراممىلىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: "ئۇلار بىزگە ئوخشاشلا ئىكەن، پالاۋغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ساقاللىرىنى ئېلىپ جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ كەتتى، بەزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنى يەرلىكلەردىن پەرقلەندۈرەلمەي قالىسىز، مەن ئۇلارنىڭ ئېنگلىز تىلى، تارىخ ۋە بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇگىنىشى ئۇچۇن، ئۇلارنى پالاۋدىكى ئىجتىمائى ئالىي تېخنىكوملىرىدا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمەن."

بىز پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان، ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.