پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىكتىن كېيىنكى خىتاي مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھرىدە "ئولىمپىكتىن كېيىنكى خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى" ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا تەكلىپكە بىنائەن، د ئۇ ق غا ۋەكالىتەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇن ئەپەندى ۋە فرانسىيە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشقان.
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008.08.25

 يىغىندا خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان سىياسەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندا يۈز بەرگەن قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋېي جىڭ شىڭ "بۇ يوللۇق قوغدىنىش ھەرىكىتى، بۇ ھەرىكەتتىن پۈتكۈل جۇڭگو خەلقى ئۈلگە ئېلىشى كېرەك،" دېگەن.
 
تۇرسۇن ئەپەندى يىغىن جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، قەشقەر ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ئۇچۇرلار بەرگەن. ئۇ يەنە تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەن.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولىسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.