خىتاي دائىرىلىرى قەيسەر ئانا پاتىگۈل غۇلامغا ئەمدى ئالداش تەدبىرىنى قوللانماقتا

خىتاي دائىرىلىرى قەيسەر ئانا پاتىگۈل غۇلامنى غايىب ئوغلى ئىماممەمەت ئېلىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن، 2010-يىلى ئۇنىڭغا 10 كۈنلۈك قاماق جازاسى بەرگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.09
patigul-ghulam-305.jpg غايىبلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام.
RFA/Shohret Hoshur

پاتىگۈل غولام ئۈرۈمچى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن كۈنى ئۆيىگە قايتىشتىن ئاۋۋال ئۇدۇل ساقچى ئورگىنىغا بېرىپ ئۆزىنى قاماققا بۇيرۇغان ساقچى خادىمىغا تىل ياغدۇرغان ئىدى. بۇلتۇر يەرمەنكە مەزگىلىدە خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى كوچىدا تارتىپ-سۆرەپ يەنە بىر قېتىم ئېغىر تەھدىت سالغان. زوراۋانلىق تەدبىرلىرى بىلەن پاتىگۈل غۇلامنى يولىدىن ياندۇرالمىغان ۋە پەيلىنى يۇمشىتالمىغان خىتاي دائىرىلىرى ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا ئالداش تەدبىرىنى قوللانماقتا.

5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ياش ئىماممەمەت ئېلى ۋە ئۇنىڭ قىز دوستى.
5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ياش ئىماممەمەت ئېلى ۋە ئۇنىڭ قىز دوستى.
RFA/Shohret

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ رەھبەر ۋە خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن 5 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا، تۈنۈگۈن پاتىگۈل غولامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى «يوقلىغان» ۋە «ھال سورىغان». تېخى بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كوچىدا دۈشكەلەپ تارتىپ-سۆرەپ يۈرگەن خىتاي سېكرېتارنىڭ بۇ ھال سورىشىدىن ئەجەبلەنگەن پاتىگۈل ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسىنى سورىغان. دائىرىلەر، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ھال سوراپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن بىر خالتا گۈرۈچ، 4 كىلو ماي ۋە بىرقانچە ئون تۇخۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. پاتىگۈل ئۆزىگە ھېچقانداق ياردەمنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى، پەقەت غايىب ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشتىن باشقا دەرد ۋە ئېھتىياجىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. دائىرىلەر غايىب ئوغۇلنىڭ ئىز-دېرىكى مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ چارىسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى يۇقىرى ئورگانلارنىڭ ئاستا-ئاستا ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پاتىگۈل بۇنىڭغا «مەن ماڭا جاي سېلىپ بېرىڭلار دېمىدىم، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلار دېمىدىم، پەقەت سىلەر تۇتۇپ ئەكەتكەن بالامنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىڭلار، ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى دەپ بېرىڭلار دەۋاتىمەن، بۇ يەردە ئاستا-ئاستا ھەل قىلىدىغان بىر مەسىلە يوق» دەپ قاقشىغان. دائىرىلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ پاتىگۈلنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم ئۆزلىرىنىڭ ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا پاتىگۈل مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان:
-سىلەرنىڭ كۈچۈڭلار مېنى قاماپ قويۇشقا، نەزەربەند قىلىپ ئۆيدىن تالاغا چىقارماسلىققا يەتتى. بىر بالىنى قاراقچى تۇتۇپ كەتسىمۇ، پۇقرا دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، مەن ھۆكۈمەت تۇتۇپ كەتكەن بالامنى سۈرۈشتە قىلىپ بالامنىڭ ئالدىغا باردىم، ئەمما ماڭا جىنايەتچىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلدىڭلار، مېنى خارلىدىڭلار، بوزەك قىلدىڭلار، مەن سەن خەقنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمايمەن، سوۋغىسىنىمۇ ئالمايمەن، ئۆيۈمدىن يوقىلىڭلار، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار....

5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ياش ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئۇنۋان كىنىشكىسى.
5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ياش ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئۇنۋان كىنىشكىسى.
RFA/Shohret

بۇ ئارىدا ئەينى چاغدا پاتىگۈلنى كوچىدا دۈشكەلەپ تارتىپ سۆرىگەن خىتاي پارتكوم سېكرېتارى، شۇ چاغدىكى زوراۋانلىقى ئۈچۈن پاتىگۈلدىن كەچۈرۈم سورىغان. ئۇنىڭ ئالدامچىلىقىنى بىلىپ تۇرغان پاتىگۈل، بالىسىنى ئىزدەش داۋامىدا يولۇققان ھەقسىزلىكلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئۆيىدىن ھەيدىگەن.

پاتىگۈلنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنى يوقلىغان بۇ 5 كىشىنىڭ ئىككى نەپىرى خىتاي ۋە ئەمەلدار، قالغان ئىككى نەپىرى ئۆزىگە نەزەربەند ئۈچۈن قويۇلغان ئۇيغۇر خىزمەتچى بولۇپ، بۇ «ھال سوراش» زىيارىتى داۋامىدا ئىككى ئۇيغۇر خىزمەتچى ئوڭۇشسىزلىق ۋە بىئارامچىلىق كەيپىياتىدا ئولتۇرغان، ھەتتا بىرى پاتىگۈل بىلەن تەڭ كۆز يېشى قىلغان؛ ئەمما ئىككى خىتاي ئەمەلدار بولسا، بىردەم ئېچىنغان قىياپەتتە گەپ قىلسا، بىردەم ئۆزئارا كۇسۇرلىشىپ كۈلۈشكىمۇ پۇرسەت تاپقان.

پاتىگۈل غولامنىڭ بىلدۈرۈشىچە دائىرىلەر ئاخىرى ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ پاتىگۈلنىڭ ئۆيىدىن خاپا ھالدا ئايرىلغان. پاتىگۈل غولام مۇئەللىپ بىلەن سۆھبىتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:
-15 كۈن بولدى، سىزدىن تېلېفون كەلمىدى، تېلېفونىڭىز بەش كۈنگىچە كەلمىسە جىددىيلىشىمەن، تاڭ ئاتقىچە-تاڭ ئاتقىچە سىزگە دەيدىغان سۆز تەييارلايمەن. بۇ گەپلىرىمنى سىزگە دەۋالمىسام يۈرىكىم سېسىپ كېتىدۇ.

يۇقىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەيسەر ئانا پاتىگۈل غۇلامغا ئەمدى ئالداش تەدبىرى قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.