يىغىننى تۈركىيىنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى، دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار جەمئىيىتى، ئەرەب ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى، خەلقئارا قۇددۇس مۇئەسسەسەسى، ئەرەب دوكتورلار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.
يىغىندا تۈركىيىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە تۈركىيە - پەلەستىن پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى زەيد ئاسلان، سۇداننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى مۇشىر سىرۋار ئەززاھاب، دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۈسۈپ قەراداۋى، شۋېتسىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچى پروفېسسور دوكتۇر ماتتئېس گاردېل، تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم، مالايشىيانىڭ سابىق مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم، پاكىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلغاففار ئەزىز قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم شەخسلەر سۆز قىلدى.
يىغىنغا 25 دۆلەتتىكى سىياسى پارتىيە، جەمئىيەت ۋە خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.
يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەش، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى پەلەستىن خەلقىگە ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىش، غەززە ئامبارگوسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
بىز بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاندىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىن جەريانىدا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنى پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان.
بىز يىغىن جەريانىدا بۇ يىغىندا سۆز قىلغان،ئىسلام دۇنياسى ئالىملىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۈسۈف قەراداۋىنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتۇر يۈسۈپ قەرداۋى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز ۋە ئۇلار ھەققىدە قانداق ئويلايسىز دېگەن سوئالىمىز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "بىز داۋاملىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئويلايمىز، ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇ ۋەتەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى، بىز ئۇلاردىن، ئۇلار بىزدىن بولۇپ، بىز ئۇلار بىلەن ئەقىدىمىز ئوخشاش قېرىنداش، بىزنىڭ قىبلىمىز بىر، بىز ئۇلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، بىز ئۇلارنى زىيارەت قىلىشنى خالايمىز، ئۇلارنىڭ دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشىنى، ۋەتەن،خەلقىنى ئازاد قىلىش يولىدا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
بىز بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاندىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يىغىن جەريانىدا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنى پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.