پەرھات ئەپەندى: دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، مۇستەقىللىق دېگەنلەرنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم

تۇرمۇشتا ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. بۇنداق ئىشلارنىڭ بەزىلىرى ۋاقىت، ئورۇن ۋە شەخس قاتارلىق ئامىللىرىدىن باشقا، ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان دەرىجىدىكى تاسادىپىيلىقى بىلەنمۇ، بىر ئۆمۈرلۈك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدىكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.10.31
Perhat-ependi-Ministir-Rotte-ependi-bilen-xatire-surette-305.jpg پەرھات ئەپەندى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى روتتە ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2011-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Pidaiy

ئەنە شۇنداق يېزىلغان بىر تەقدىرنىڭ سېنارىيىسىدە رول ئەپ قالغان پەرھات ئەپەندى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى روتتىر ئەپەندى بىلەن تاسادىپىي كۆرۈشۈپ قالغان ۋە سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تراگېدىيىلىرى ۋە ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ھەققىدە يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتقان.

قىسقىغىنا داۋام قىلغان بۇ سۆھبەتتە، گوللاندىيە باش مىنىستىرى روتتىر ئەپەندىنىڭ كىبىرسىز مۇئامىلىسى ۋە دوستانە مېھرىبانلىقىغا مۇيەسسەر بولغان پەرھات ئەپەندى، كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن خىتايلار يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پارتىيىلىك دىكتاتور تۈزۈمنىڭ روشەن سېلىشتۇرۇشلىرىنى ھېس قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بىز پەرھات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. پەرھات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.