يېشىل مەيداندىكى ئۇيغۇر روھى

پۇتبول - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەممىدىن بەك ھەۋەس قىلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى، مىللىي تەن ھەرىكىتى دېسەك ئارتۇق بولماس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان پەخىرلىنىدىكەن پۇتبول يۇرتى ئىكساق ھەم ئۇنىڭدىن يۇرت يۇرتلارغا تارالغان پۇتبول رىۋايەتلىرى بار، ئاجايىپ ماھارەتكە، يېڭىلمەس جاسارەتكە ئىگە پۇتبول ئەزىمەتلىرى بار. ئۇيغۇر مەھەللىلەردە بىر پارچە ئاق يەرلا بولىدىكەن ئۇ يەردە بالىلارنىڭ پۇتبول ئويۇنى بار... ئەپسۇس ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى توقاي تارىخىي يولىغا ھەم بۈگۈنىگە قارىساق، يېشىل مەيدانغا تۆكۈلگەن قان تەر بىلەن ئۇيغۇر پۇتبول ھەرىكىتىدىكى نەتىجە ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق ياكى تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى كۆرەلەيمىز.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﮭﺮﻩ
2010-07-07
Share

پۇتبول ھەۋەسكارلىرى پۇتبول ھەرىكىتىنى تەنتەربىيە تۈرىدىكى بىر سەنئەت دەپ تەرىپلەيدۇ. پۇتبول يۈز يىللار ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىرگەن بىر ئاممىۋى تەنھەرىكەت تۈرى شۇنداقلا پۇتبول ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇ قەدەر ئومۇملاشقانكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپلەرگىچە، زاۋۇت - كارخانىلارنىڭمۇ پۇتبول كوماندىلىرى ھەم ئۆزىگە لايىق پۇتبول مەيدانلىرى بار.

ئائىلە ئەزالىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى دۇنيا لوڭقىسى ياكى ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىلىشىش پۇتبول مۇسابىقىلىرىدۇر. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ھەممىلا جايدا ياپ يېشىل پۇتبول مەيدانلىرى بولمىسىمۇ، سەھرادىكى ئېتىزلار، كوچا كويلار، مەھەللىلەردىكى تۈز بوشلۇقلار ھەممىسى ئۇلار ئۈچۈن يېشىل مەيدان.

ئۇيغۇرلار پۇتبول ئارقىلىق ئۇيۇشىدۇ، پۇتبول مەيدانىدا چېنىقىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پۇتبولدا ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ئۈمۈدلىنىدۇ. بۇ ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ پۇتبول يۇرتى ئىكساق كەنتىدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلارنىڭ بايانلىرى:

ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەئىسىنىڭ ياكى باشقا داڭلىق ئەربابلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلمىسىمۇ چوقۇم بىرەر خەلقئاراغا تونۇلغان پۇتبول چولپىنىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلەيدۇ.

ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل كەيپىيات بۇ خىل پۈكۈلمەس پۇتبول روھى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىن روھىلا ئەمەس بەدەن سۈپىتىنىڭمۇ پۇتبولچىلىققا ماس كېلىدىغانلىقى، پۇرسەت ھەم شارائىت بولسا نەتىجە چىقىدىغانلىقى بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى ئىكساق دېھقانلار كوماندىسىنىڭ توپىلىق مەيداندا يالاڭاياغ ھالدا مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەرنى، يەتتىدە نۆل نەتىجە بىلەن شۋېتسىيىلىكلەرنى يەڭگەنلىكىدەك شانلىق ئىپتىخارلىق تارىخى بىلەن ئىسپاتلىغان ئىدى.

ھالبۇكى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دېگەندەك ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن مۇنتىزىم كەسپى پۇتبول كوماندىسى ھازىرغا قەدەر ھۇجۇتقا چىقمىدى. ئىلگىرى قۇرۇلغان كاماندىلارمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قايتا - قايتا تارقىتىۋېتىلدى. پۇتبول ھەرىكىتى ئۇيغۇرلار قىزغىن سۆيگەن تەنھەرىكەت بولسىمۇ، چېگرا ھالقىغان نەتىجىلىرى كەمدىن كەم بولدى. ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرى ئۈچۈن دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە ئۆز ماھارىتىنى جاسارىتىنى كۆرسىتىش چۈش بولۇپ قېلىۋەردى. بۇ يەردە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ راۋاجىغا توسالغۇ بولىۋاتقان سەۋەب نېمە؟ بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەسپى پۇتبول كاماندىسىدا يىگىرمە يىلغا يېقىن تۇرغان، يېقىندا ئامېرىكىغا يەرلەشكەن بۇ ئۇيغۇر پۇتبولچى يېڭىپ بەرسە ئەجەب ئەمەس:

ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇتبولچىلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەسپى كاماندىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇن بولىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل، دۆلەتنىڭ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ھەمدە ئىقتىساد جەھەتتىن يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، پۇتبولچىلىقنى ئىگىلىككە ئايلاندۇرۇشتا، ئىقتىسادىي تېرەك بولىدىغان بىرەر كۈچلۈك ئىقتىسادىي گۇرۇھ ياكى شىركەتنىڭ چىقماسلىقى ئىكەن. شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرىنېرى ياڭ ئىلگىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا تونۇشتۇرۇپ" شىنجاڭ كوماندىسىدىكى بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى ھەر قانداق كەسپى كاماندىدىكى ئەزالاردىن يۇقىرى دېيەلەيمەن چۈنكى ئۇلار پۇل ۋە ياكى باشقا نەرسە ئۈچۈن ئەمەس پەقەت يېشىل مەيداندا خەلقىنىڭ ئۈمىد ئىشەنچىسى، پۇتبولغا بولغان ساپ قىزغىن مۇھەببىتى ئۈچۈنلا توپ تېپىدۇ " دېگەن ئىدى.

ھەتتا خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر تىرىنېرى بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى تەكشۈرۈپ خىتاينىڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى ئۇيغۇرلاردا ئىكەن " دەپ قول قويغانمۇ ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىن روھى مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ئوخشاشلا جۇلالىنىدۇ، نۆۋەتتە چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇر دەپ بەلگە قويغان پۇتبول كىيىملىرىنى كىيگەن ياش ھەۋەسكار ئەزىمەتلەر، ئۆزى ياشاۋاتقان ئەللەرنىڭ يېشىل مەيدانلىرىدا ئۇيۇشۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارەتلىك سۇلماس پۇتبول روھىنى، پۇتبولغا بولغان ئۈمىد ئىشەنچىسى،ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشنى نامايان قىلىشقا تىرىشماقتا، ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيا شتاتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر بىرلىكى پۇتبول كوماندىسى مانا بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ، كاماندا لىدىرى ئەرەفات ئۆز كوماندىسىنى پەخىرلىنىپ تونۇشتۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت