پۇتىن ئۆزىنىڭ پارتىيە رەئىسى ۋە باش مىنىستىر بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا رۇسىيىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، 15 - ئاپرىل كۈنى قۇرۇلتاي مەزكۇر پارتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 45 مىنۇتلۇق خۇلاسىلەش يىغىنىدا ھازىر ۋەزىپە ئاتقۇرىۋاتقان پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىنغا رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇش تەكلىپى قويۇلۇپ، پۇتىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك يەنە 5 - ئايدىن كېيىن باش مىنىستىر بولۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.15
 رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇرۇلتايغا يەنە يېڭىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ، بۇ يىل 7 - ماي كۈنى رەسمى قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئارقىلىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دمىترىي مېدۋېدېۋ ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان.

پۇتىن پارتىيە رەئىسلىك ۋە باش مىنىستىرلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى

ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيە پارلامېنتىدا مۇتلەق كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆزى مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزاسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قوبۇل قىلىشى رۇسىيىدىكى ھەر قايسى چوڭ پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 رۇسىيە سىياسەتچىلىرى ئەمەلىيەتتە پۇتىننىڭ ئەسلىدىن مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى، پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە پارتىيىدىن چېكىنىپ، پارتىيىسىز شەخس سۈپىتىدە رۇسىيىنى ئىدارە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنى يەتتە يىلدىن بۇيان قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
 ۋلادىمىر پۇتىن قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ، بارلىق كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنت دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ ئۆزىگە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى باشقۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ،" رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى ھەم باشقا پارتىيىلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىلگەن ھەمدە ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھۆكۈمەت رەھبىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۆھلىتى بويىچە قاراپ چىقىلغان بۇ تەكلىپنى مەن قوبۇل قىلدىم" دەپ رەسمىي يوسۇندا جاكارلىغان.

پۇتىن سۆزىدە سايلانغان پرېزىدېنت مېدۋېدېۋنىڭ تەكلىپى ۋە تەشەببۇسلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئوخشاش ۋاقىتتا ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى ھەم پارتىيە رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرۇشنىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت ئۈچۈن تەبىئىي، مەدەنىي ھەم ئەنئەنىۋى ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. پۇتىن يەنە ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك پارتىيە ئىچىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، پارتىيىنىڭ تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 پۇتىننىڭ رۇسىيە پارلامېنتىدا ئەڭ كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەن ھەمدە پارلامېنت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى كونترول قىلغان مەزكۇر پارتىيىگە رەھبەرلىك قىلىشى ھەمدە باش مىنىستىرى بولىدىغانلىقىنىڭ ئالدىن ئالا بېكىتىلىشى ئالدى بىلەن رۇسىيە دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى ھەمدە ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

 كوۋالىيېۋ: "بىرلىك پارتىيىسى خۇددى كومپارتىيىگە ئوخشاش"

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋالىق سىياسىي ئانالىزچى كوۋالىيوۋ ئەپەندى رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ كۆپ جەھەتلەردە كوم پارتىيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ، " بۇ ھەقىقىي سىياسىي پارتىيە ئەمەس، بۇ بۇيوكراتلارنىڭ ئۇيۇشمىسى، مەزكۇر بيۇروكراتلار ئورتاق ئاڭغا ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدۇر" دەيدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، 5 - ئايدا مېدۋېدېۋ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنلا پۇتىن باش مىنىستىر بولالايدۇ، رۇسىيە قانۇنى بويىچە پرېزىدېنتنىڭ باش مىنىستىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەم تەيىنلەش ھوقۇقى بار. بىراق بۇ پارلامېنتتىن ئۆتۈشى كېرەك. نۆۋەتتە، رۇسىيە پارلامېنتىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇن رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر پۇتىن باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنسە، پارلامېنتنىڭ ئۇنى تەستىقلىشى تەبىئىي.

پۇتىن 'دېڭشياۋپىڭ' بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى يەنە پۇتىنىڭ 5 - ئايدىن كېيىن رۇسىيە باش مىنىستىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىز باسارى يېڭى پرېزىدېنت مېدۋېدېۋنىڭ تىزگىنىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، داۋاملىق ھالدا رۇسىيىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بەلكى كېلەر قېتىمدا قايتىدىن پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. رۇسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالېكساندىر خىنشتېيىن "پۇتىن ھامان مەلۇم ۋاقىتلاردىن كېيىن دېڭشياۋپىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، ئۇ بارلىق ھوقۇقلارنى ئوز قولىدا تۇتقان نارەسمىي داھىي بولۇشقا ئىنتىلمەكتە" دەيدۇ رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىغا.

 مېدۋېدېۋ پۇتىننىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

پۇتىن غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن دېموكراتىيىدە چېكىنىپ كېتىش بىلەن تەنقىدلەنگەن بولۇپ، ئۆكتىچىلەر ھەم دېموكراتىك كۆزەتكۈچىلەر پۇتىن دەۋرىدە رۇس مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىشماقتا. پۇتىن رۇسىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن چېگرا يىراق شەرقنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە غەرب بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە يىراقلىشىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، يېڭى پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيىنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتىدە پۇتىننىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

 ئەلۋەتتە، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، پۇتىننىڭ تاشقى سىياسىتىدە خىتاي مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، رۇسىيە خىتاي بىلەن بىخەتەرلىك، سودا - ئىقتىساد، ھەربىي - سىياسىي جەھەتلەردە بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزگەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كۈچەيتىپ، غەربنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلغان شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ جازالىشىنى، خىتاي بولسا، رۇسىيىنىڭ چېچىنىيە ۋە باشقا جايلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللىغان ئىدى. دېمەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ سىياسىي يۆنىلىشلەرنىڭ داۋاملىشىشى تەبىئىي بولسا كېرەك. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.