قاغىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقە-كۆچمەن كرىزىسى

خىتاي گەرچە قاغىلىق ۋەقەسىنى يوشۇرۇشقا ياكى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە ھازىر دۇنيادا ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ گېزىت-ژۇرنال، ت ۋ، رادىئولارنىڭ سەزگۈر خەۋەرلىرىگە ئايلاندى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ‏28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ قېلىشقا ياكى ئۆز خاھىشى بويىچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانلىق ۋەقە ھامان دۇنياغا مەلۇم بولدى. خىتاي تەرىپىدىن تەپسىلاتى يوشۇرۇلغان بۇ ۋەقە ھازىر دۇنيادا، ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ گېزىت-ژۇرنال، ت ۋ، رادىئولارنىڭ سەزگۈر نۇقتىلىرىغا ئايلاندى، ۋەقەنىڭ ھېكايىسى ھازىر بارغانسېرى ئېنىق بولماقتا.

خىتاي ھازىرغا قەدەر 28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسىنى دۇنياغا، قاراقچىلار خەلق ئاممىسىغا ھۇجۇم قىلغان قانلىق ۋەقە دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى «قاراقچى»، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇر يۇرتىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى «خەلق ئاممىسى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقى ئېنىق.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى دەسلەپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە قاغىلىق ۋەقەسىنى، قاراقچىلار پىچاق بىلەن كۆپ ئاممىنى ئۆلتۈرگەن، ساقچىلار 2 جىنايەت گۇماندارىنى ئېتىپ تاشلىغان ۋەقە دەپ بايان قىلغان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى بولسا بۇ ۋەقەنى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلىرىگە قارشى قوزغىغان ھۇجۇمى دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. ھازىر غا قەدەر رادىئومىز يەرلىك دائىرىلەردىن ئېنىقلاپ چىققان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەم 21، بۇنىڭ 8 ئى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن قاراقچى دەپ ئاتالغان كىشىلەر، يەنە بىرى تۇتۇۋېلىنغان.

دۇنيادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئۇچۇر شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، قاغىلىق ۋەقەسىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل ھېكايىسىنى‏-‏ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان كۆز قارىشىنى ئەينەن تونۇشتۇردى. قاغىلىق ۋەقەسى بۈگۈنمۇ خەلقئارادا تەسىرى چوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم يېڭى خەۋەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇلار قاغىلىق ۋەقەسىنى خەۋەر قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى توغرا بايان قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تۈنۈگۈن ئىنگلىزچە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، قاغىلىق ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كەڭ كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىن ۋە بايلىقلىرىنى ئىگىلىشىگە يول قويۇۋاتقانلىقىنى، يەرلىك ئۇيغۇرلارغا بولسا «تېررورچى» دەپ تۆھمەت چاپلاپ، ئۇلارغا كەڭ كۆلەمدە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنە بويىچە بۇرۇت قويۇش، ياغلىق ئارتىشىنىمۇ چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ، دەل خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىگە يان باسىدىغان ئادالەتسىز سىياسەت-تەدبىر قوللانغانلىقى نەتىجىسىدە، يەرلىك ئۇيغۇرلا بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا پەيدا بولغان كۆچمەن كرىزىسى ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى بۈگۈن خىتاي «يېڭى چېگرا» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتىدا، 2008‏-يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دۇنياغا قايتىدىن ئەسلەتتى. بۇ ئەسلەتمىدە، 2008‏-يىلى 8‏-ئاينىڭ 4‏-كۈنى، بېيجىڭدا خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندا، قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىدىن 17نى ئۆلتۈرگەن ۋەقە؛ 8‏-ئاينىڭ 10-كۈنى كۇچادا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋە ئېتىشىش ۋەقەسى؛ 2009‏-يىلى 6‏-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى شاۋگۇەن ۋەقەسى؛ 7‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن نامايىش ۋە خىتايلارنىڭ قوللىرىغا كالتەك-توقماق ئېلىپ كوچىغا چىقىپ قىلغان زوراۋانلىق، بۇ ۋەقەلەردە 200 ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپ، 1600 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندۇرۇلغانلىقى؛ 9‏-ئاينىڭ 2‏-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار كوچىلارغا چىقىپ «يىڭنە سانجىش» قارشى نامايىش قىلغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە «بۆلگۈنچى»لەردىن 75 نى قولغا ئالغانلىقى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدا تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلەر؛ 2011-يىلى 7‏-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 20 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكى؛ 7‏-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى قەشقەردە 13 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى؛ 2012-يىلىدا يەنە 28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

بۈگۈن خەلقئاراغا خىتايچە تارقىلىدىغان «دوۋېي تور گېزىتى»، «بوشۇن تور گېزىتى»، «خىتايغا نەزەر تور گېزىتى» دېگەن تور گېزىتلىرىگە ئەۋەتىلگەن شەخسىي ئوبزورلار ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ بەزىلىرىدە خىتاي مىللەتچىلىكى ئەۋجىگە چىققان. ئومۇمەن بۇنىڭدا مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىنمۇ، 28‏-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسىنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان كۆچمەنلەر كرىزىسى-مىللىي توقۇنۇش ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا.