قاغىلىقتىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 21 كىشى ئۆلگەن

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن قاغىلىق ناھىيىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىشىچە، تۈنۈگۈن قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا يۈز بەرگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 21 كىشى ئۆلگەن.

0:00 / 0:00

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ھۇجۇمچىلارنىڭ سانى 9 نەپەر بولۇپ، ئۇلار خىتاي كۆچمەنلىرىدىن 10 نەپىرىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن، ئون نەچچىسىنى يارىلاندۇرغان. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمچىلاردىن 8 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان، بىر نەپىرىنى ئەسىر ئالغان.

بىز بۈگۈن ئالدى بىلەن قاغىلىق ناھىيىلىك تەشۋىقات ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تەشۋىقات ئىدارىسى ۋەقەنى ھازىرچە ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇخبىر قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز شۇنىڭدىن كېيىن، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم ئىدارە باشلىقلىرى ۋە ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئاساسى قاتلامدىكى كادىر ۋە ساقچىلارغىمۇ خەۋەر بەرمىگەن. پەقەت ناھىيىدىكى بىر تۈركۈم ئىدارە باشلىقلىرىلا ۋەقەدىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن. دېمەك، ۋەقەنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ قويۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنماقتا. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىكى ھۇجۇم قوراللىرى ۋە ھۇجۇم نىشانىدىن قارىغاندا، بۇ ۋەقەنىڭ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پىدائىيلار تەرىپىدىن، 2010-يىلى يازدا قەشقەردە باشلانغان، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.