28-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە قاغىلىقتا يۈز بەرگەن يەنە بىر قىسىم زەنجىرسىمان ۋەقەلەر

28-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەنىڭ تەسىرىدە يەنە بىر قاتار زەنجىرسىمان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە قاغىلىق ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.05.02
qaghiliq-pidaiylar-hujum-305.jpg خەرىتىدە «28‏-فېۋرال ۋەقەسى» يۈز بەرگەن قاغىلىقنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن. 2012-يىلى 28-مارت
AFP

خىتاي مەتبۇئاتى، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قاغىلىقتا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە خىتايلاردىن 15 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 14 ئىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلاردىن 7 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تىنچىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

رادىئومىزغا كەلگەن بىر پارچە ئېلخەت ۋە تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىقتا يەنە، بىر نەپەر ناۋاينىڭ 3 خىتاينى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقە 28-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن 3 كۈن كېيىن يۈز بەرگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، پىچاقلىق ھۇجۇمدا ئۆلگەن خىتايلار ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن 3 كىشى، شۇ كۈنى ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن قاغىلىق بازىرىدىكى بىر ناۋايغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان. ئەمما پىچاق كۆزلىگەن نىشانغا سانجىلمىغان. ھۇجۇمدا يېنىك زەخىملەنگەن ناۋاي، خىتاينىڭ قولىدىن تارتىۋالغان پىچاق بىلەن ئۈچ خىتاينى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەن.

ئارىدىن يەنە بىرقانچە كۈن ئۆتكەندە قاغىلىقتىكى 200 دىن ئارتۇق خىتاي پۇقرالىرى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار نارازىلىقلىرىدا ئۆز بىخەتەرلىكلىرىنىڭ قوغدالمايۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق باستۇرمايۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى ئارقا-ئارقىدىن 3 كۈن داۋام قىلغان. ئۇلار يەنە بۇ جەرياندا ھۆكۈمەتتە ئىشلەۋاتقان كادىر ۋە تەرتىپ ساقلاۋاتقان ساقچىلارنى ھاقارەتلىك ئىبارىلەر بىلەن تىللىغان. ئۇلار ئاخىرىدا ھۆكۈمەتتە ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىر ۋە رەھبەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار خىتاي توپىلاڭچىلارغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن ناھىيىدىكى ئۇيغۇر كادىرلىرى بىلەن خىتاي كادىرلىرى ئارىسىدىمۇ سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پەيلىدىن چۆچۈگەن ئۇيغۇر كادىرلار قولۇم-قوشنىلىرىنى خىتايلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇملىرىدىن قوغدىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى بېسىش ھەم خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئۆلگۈچىلەر ئائىلىسىگە 800 مىڭ يۈەندىن تۆلەم بەرگەن. شۇنداقلا يەنە 28-فېۋرال كۈنى ئەسىر چۈشكەن ئابدۇكېرىم مەمەتنى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سوتلاپ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان. ئەمما يۇقىرىقى تەدبىرلەر قەشقەردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەن. بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى پەقەت مەزكۇر ۋەقە سەۋەبلىك ئىش ۋە تىجارەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقان.

قاغىلىقتىكى ئىدارە- ئورگانلار مەزكۇر ۋەزىيەت ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى بولسا، ۋەزىيەتنىڭ يېقىنغا قەدەر جىددىي بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

قاغىلىقتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى، يۇرتىغا قايتىشقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پويىزدىكى سۆھبەتلىرى، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە ئاۋام ماجىرالىرىدىمۇ ئاشكارىلانماقتا. يۇرتىغا قايتقان بىر خىتاي كۆچمەن بىر ئۇيغۇر يولۇچى تۆۋەندىكىدەك ئېغىز ماجىراسى قىلىشقان:
كۆچمەن خىتاي: بۇ خەقنىڭ قورسىقى تويۇپ قالدى، شۇڭا بىزنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، قوغلاۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر يولۇچى: بۇنى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن كۆرۈڭلار.
كۆچمەن خىتاي: قارىغاندا سەنمۇ كوڭبۇفېنزى(تېررورچى) ئىكەنسەن.
ئۇيغۇر يولۇچى: خەقنىڭ يېرىنى بېسىپ يېتىۋالساڭ ئۆلىسەن.
كۆچمەن خىتاي: سەن خەقنى قاتتىق باستۇرۇش كېرەك، ئىچكىرىدىمۇ ئوغرىلىقنى سەن خەق قىلىشسەن.
ئۇيغۇر يولۇچى: سەنلەر پويىز بىلەن، تۇرۇبا لىنىيىلىرى بىلەن، ئايروپىلان بىلەن ئوغرىلاپ مېڭىۋاتىسەن. بىز پەقەت يانچۇقۇڭدىكى بىر قول تېلېفونۇڭنى ئوغرىلاپ، ئوغرىلانغان مېلىمىزنىڭ پەقەت 2-3 مىڭ كويىنى قايتۇرۇۋىلىۋاتىمىز.

يۇقىرىدا قاغىلىقتا يۈز بەرگەن 28-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن داۋام قىلىۋاتقان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.