قاغىلىقتا ھەربىي گازارمىغا موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن
2012.10.11
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ئۇچۇرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە قاغىلىقنىڭ چاسامەسچىت يېزىسىدىكى كۆككۆۋرۈك دېگەن جايدا يۈز بەرگەن. ۋەقەدە خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ قاغىلىقتىكى ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، 20 نەچچە ياش چامىسىدىكى ئىككى نەپەر ياش 1-ئۆكتەبىر كۈنى گۇما ناھىيىسىدىن قاغىلىق ناھىيىسىگە موتسىكلىت بىلەن يېتىپ كەلگەن؛ ئۇلار قاغىلىق ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەخت يولى قاتارلىق جايلارنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ماكانلاشقان ھەربىي گازارمىنى سىرتتىن كۆزەتكەن؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ئايلىنىپ قاغىلىقنىڭ بەشئېرىق دېگەن يېزىسىغا كەلگەندە، موتسىكلىتتىكى ئىككى كىشىدىن بىرى موتسىكلىتتىن چۈشۈپ قالغان؛ يەنە بىرى موتسىكلىت بىلەن يولىنى داۋام قىلىپ، چاسامەسچىت يېزىسىنىڭ كۆككۆۋرۈك دېگەن جايىدىكى ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم نەتىجىسىدە قاتتىق پارتلاش يۈز بېرىپ، ھۇجۇمچى ۋە ئەسكەرلەر بولۇپ 20دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ۋە ئۆلگەن. بىز بۇ مەلۇماتلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ناھىيىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى، بەزىلىرى بولسا ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. تېلېفونىمىز، بەشئېرىق ساقچىخانىسىغا ئۇلانغاندا، ۋەقەنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى.
مۇخبىر: ساقچىخانىمۇ بۇ؟
ساقچى: بەشئېرىق ساقچىخانىسى.
مۇخبىر: ئۆتكەنكى ۋەقەدىن كېيىن ۋەزىيەت قانداق؟
ساقچى: مەن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيمەن، بىزنىڭ مۇئاۋىن سوجاڭ بىلەن سۆزلىشىڭ.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قايسى خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالدىڭلار؟
ساقچىخانا باشلىقى: كوچا دوقمۇشلىرىغا چازا قۇرۇپ، سىرتتىن كىرىپ چىققانلارنى تەكشۈرۈۋاتىمىز.
مۇخبىر: ھازىرغا قەدەر، ۋەقەگە چېتىشلىق بىرەر گۇماندارنى تۇتتۇڭلارمۇ ياكى بايقىدىڭلارمۇ؟
ساقچىخانا باشلىقى: ياق، بىزنىڭ بۇ تەرەپتە بايقالمىدى.
مۇخبىر: ۋەقە قايسى كۈنى، سائەت نەچچىدە يۈز بەردى؟
ساقچىخانا باشلىقى: بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنى چۈش مەزگىلىدە يۈز بەردى.
مۇخبىر: نەق مەيدانغا سىزمۇ باردىڭىزمۇ؟
ساقچىخانا باشلىقى: ياق، بىز بايراق چىقىرىش ئۈچۈن شوئار توۋلاپ كېتىۋاتقانىدۇق. ۋەقەدىن شۇ چاغدا خەۋەر تاپتۇق.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن جاي سىلەردىن قانچىلىك ئۇزاقلىقتا؟
ساقچىخانا باشلىقى: 13 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن جاي قايسى جاي؟
ساقچىخانا باشلىقى: چاسامەسچىت يېزىسىدىكى كۆككۆۋرۈك دېگەن جاي.
مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى؟
ساقچىخانا باشلىقى: بۇنى مەن بىلمەيمەن، بۇ ھەقتە تېخى بىزگە خەۋەر بېرىلمىدى. بۈگۈن ناھىيىلىك گوڭئەنجۇيدە يىغىن ئېچىلىۋاتىدۇ، سوجاڭ بىلەن جىداۋيۈەن شۇ يىغىندا، شۇ يىغىندا مەلۇمات بېرىلىشى مۇمكىن.
مۇخبىر: ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ گۇمىلىق ياشلار ئىكەنلىكى ھەققىدە گەپلەر بار، بۇ توغرىمۇ؟
ساقچىخانا باشلىقى: توغرا، بىزدە ئىككى گۇماندارنىڭ رەسىمى بار، شۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز.
مۇخبىر: گۇماندارلارنىڭ ئىسىملىرى نېمە ئىكەن، قانچە ياش ئىكەن؟
ساقچىخانا باشلىقى: ئىسىملىرى ئېسىمدە يوق، بىرى 1990-يىلى تۇغۇلغان، يەنە بىرىنىڭ يېشىمۇ شۇ ئەتراپتا.
مۇخبىر: قولىڭىزدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى رەسىمگە قاراپ، ئىككى گۇماندارنىڭ تەقى-تۇرقىنى تەسۋىرلەپ بەرسىڭىز؟
ساقچىخانا باشلىقى: رەسىملەرنى چازىغا ئاپىرىۋەتكەن، قولۇمدا يوق. ئېسىمدە قېلىشىچە، ھەر ئىككىسى ھازىرقى زامان ياشلىرىغا خاس چاچ قويغان؛ بىرىنىڭ كۆزى ئىنچىكە، يەنە بىرىنىڭ كۆزى دۈگىلەك.
مۇخبىر: ھازىرقى ئاساسلىق ئىشىڭلار مۇشۇ ئىككى گۇماندارنى ئىزدەش بولۇۋاتامدۇ؟
ساقچىخانا باشلىقى: شۇنداق؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ۋە ساقچىخانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز.
يۇقىرىقى سۆھبەتتىن، گەرچە ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئېنىق سانى ۋە كىملىكلىرى ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ ئاز دېگەندە 3 نەپەر گۇمىلىق ياش تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەردىن بىرىنىڭ ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئىكەنلىكى مەلۇم. قاغىلىقتا بۇ يىل 2-ئايدىمۇ خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ھۇجۇمنى 9 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي ئېلىپ بارغان. ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 12 كىشى ئۆلگەن ۋە 20دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. شۇ ۋەقەدىن كېيىن قاغىلىق ناھىيىسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، بىر قىسمى يۇرتلىرىغا قايتىشقان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قاغىلىقتىكى شۇنداقلا، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ۋەھىمىگە سالماسلىق ئۈچۈن، ۋەقەنى ئاخباراتتىن يوشۇرماقتا.