15-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايىتىدىن بىرى بولغان سىۋاس ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى سىۋاس شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرۈك بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئابدۇلھېكىم سەلجۇق ئەپەندىلەر سىۋاس ۋالىيسى زۈبەيىر كەمەلەك ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇلار بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا ۋالىيغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. ئارقىدىن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سىۋاس جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى بىلەن سىۋاس ئۈلكۈ ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ سىۋاستا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىدىن باشقا يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. چۈشتىن سائەت ئۈچتە جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «قانلىق يارا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 دىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى باشلىقى كېرەم گۈركەر قىلغاندىن كېيىن، بىر يېرىم سائەتلىك «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە خىتاي، تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
