خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇلدى

خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇلدى.

0:00 / 0:00

15-دېكابىر كۈنى ئېلىپ بېرىلغان قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش پائالىيىتىگە 150 ئەتراپىدا نامايىشچى قوللىرىدا تۈركىيىنىڭ بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا قاتنىشىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا شوئار توۋلاشتى.

نامايىشچىلار بىردەك ھالدا «ھۆكۈمەت ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق، شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان، ئېزىلگەن خەلقلەر بۇ يەردە، ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. ئارقىدىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇپ ئايرىلدى.

خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 15-دېكابىر، تۈركىيە.
خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 15-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

بۇ نامايىشقا ئەنقەرە ۋە قەيسەرىلىك ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرى، تۈركىيە قانۇن ئىنستىتۇتى مەسئۇللىرى، ئەزەربەيجانلىقلار جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ۋە تاتار تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ئەنقەرە ۋە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشتى. بۇ نامايىشقا تۈرك مۇخبىرلارنىڭ قىزىقىشىمۇ يۇقىرى بولدى.

نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسان ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.