ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى خىتاي، رۇسىيە ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك دۆلەت قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.10.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
rice-kazak-trip-305.jpg 5 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﺎﻧﺪﯨﻠﯩﺰﺍ ﺭﺍﻳﯩﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﺎﺭﺍﺕ ﺗﺎﺟﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
AFP Photo

رايىسنىڭ زىيارىتى 2010 ‏ - يىلى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەئىس بولۇش نىيىتىدىكى قازاقىستاننىڭ نېفىت بايلىقى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا دائىر مەسىلىلەرگە چېتىلغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن رايىسنىڭ زىيارىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا كېلىپ، غەرب بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى نېفىت زاپىسىغا باي، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى زور مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىدە قىسقا مۇددەتلىك زىيارەتتە بولدى. ئۇ ئاستانىدىكى مەزگىلىدە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، باش مىنىستىر كەرىم مەسىموف، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارات تاجىنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، رايىسنىڭ زىيارىتى يېقىندا رۇسىيە - گرۇزىيە ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەن، رۇسىيە گروزىيىنىڭ 2 ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغان ۋە بۇ 2 جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ ھەرىكىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئەندىشە قوزغىغان مەزگىللەرگە توغرا كەلگەن ئىدى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر كاندىلىزا رايىس بىلەن قازاقىستان رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن رايىس ئاستانىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆھبەتنىڭ چېتىلىش دائىرىسىگە ئائىت بەزى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

رايىس 5 سائەتلىك ئاستانا زىيارىتىدە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارات تاجىن بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچ تالىشىش غەرىزى يوقلۇقىنى، "زىيارىتىنىڭ قازاقىستان بىلەن رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىش ئەمەسلىكىنى،" ئامېرىكىنىڭ، رۇسىيىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى تارتىۋېلىشنى كۆزلىمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيانى رۇسىيىنىڭ "ئالاھىدە تەسىر دائىرىسىدىكى رايون،" دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ھېچكىمنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەت دائىرىسى بار دەپ قارىمايمىز ۋە بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمايمىز شۇنداقلا بىز قازاقىستان بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىمىز."

ئامېرىكا قازاقىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان مۇھىم دۆلەت، دەپ قارىماقتا. لېكىن قازاقىستان بولسا غەرب بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك تەڭشىمە سىياسەت يۈرگۈزۈشكە تىرىشماقتا. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارات تاجىن، رايىس بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاستانىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا " رۇسىيە بىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شىرىكىمىز"، "شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز مۇقىم ۋە ئىستراتېگىيىلىك خاراكتېرغا ئىگە، دەپ قارىلىشى لازىم " دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق لېكتورى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ياشايدىغان ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى ئىلشات، قازاقىستاننىڭ ھازىرقى سىياسىتى ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە 8 ‏ - ئايدىكى رۇسىيە - گروزىيە ئۇرۇشىدا گروزىيىنىڭ 2 ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتيەنى بېسىۋېلىش ھەمدە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنى قوغداش نامىدا ئېلىپ باردى. بۇ ۋەقە غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا جىددىي سۈركىلىش يارىتىپلا قالماي، زېمىنىدا بەلگىلىك رۇس نوپۇسى ياشايدىغان قازاقىستان ۋە ئۇكرائىنىيىگە ئوخشاش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنى جىددىي ساراسىمغا سالغان ئىدى.

رايىس قازاقىستانغا كېلىشنىڭ ئالدىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف ش ئا ئو ئە ت ۋە رۇسىيە بىلەن ئايرىم - ئايرىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. رايىسنىڭ يەكشەنبە كۈنكى قازاقىستان سەپىرى بۇ ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى. روېيتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە رايىسنىڭ قازاقىستان زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى نېفىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ قازاقىستان نېفىت ئىگىلىكىگە زور مەبلەغ سالغانلىقىنى، لېكىن رايىسنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كونكرېت بىرەر توختام ئىمزالىنىدىغانلىقىغا دائىر بىشارەت يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رايىس قازاقىستانغا كېلىشنىڭ ئالدىدا ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، رايىس ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇكېرجى بىلەن ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، تەرەپلەر ئافغانىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رايىس قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارات تاجىن بىلەن ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى ئومۇمى قۇرۇلتېيى مەزگىلىدە بىر قېتىم ئۇچراشقان ئىدى. رايىس، نيۇ ‏ - يوركتىكى سۆھبەتنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنى قازاقىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئېنىرگىيە قۇرۇلۇش پىلانىغا دائىر مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئافغانىستان ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش پروگراممىسى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن مەن ئافغانىستان بىلەن قازاقىستاننىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئېنىرگىيە يولى قۇرۇلۇش تۈرىدە ئورناتقان ھەمكارلىقىنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن." ئامېرىكىدىكى ئىلشات ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كاندىلىزا رايىس ئاستانىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قازاقىستان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە تەرەققىيات ئەھۋالىغا دائىر مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ئورنىنى تالىشىۋاتقان شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كۆزىتىلىۋاتقان دۆلەتتۇر.

قازاقلار 2007 ‏ - يىلى ئۆزىنى مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسلىك نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەندە سىياسى پارتىيىلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىنى بوشاشتۇرۇشقا، دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى. رايىس ئاستانىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قازاقلارغا بۇرۇن بەرگەن ۋەدىسىنى خاتىرىلەتتى ۋە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت بەزى كونكرېت دىلولارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايىس،" ئۇلار ۋەدە بەرگەن شۇنداقلا مەن قازاقىستاننىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى كۈتىمەن" دەيدۇ. قازاقىستاننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك نامزاتلىقىغا ئۆزىنى كۆرسەتكەندە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ بىرى، قازاقىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قازاقىستان پارلامېنتىغا كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەربابى مۇرات ئەخمەدىنىڭ قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىغا ئەزا بولۇپ قېلىشى قازاقىستان ھۆكۈمىتى بەرگەن يۇقىرىقى ۋەدىلەرنىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارالماقتا.

رايىس ئاستاناغا كېلىش سەپىرىدە ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلارغا ئاستانىدىكى زىيارىتىدە "نازاربايېف رەھبەرلىكىدىكى قازاقىستاننىڭ 2010‏ - يىلىدىكى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ئورنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋەدىسىدە تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقى " نى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت