قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇشى تەبىئىي

ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا، بولۇپمۇ مىللىي مائارىپنىڭ ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقى، ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرى بولمىغان خەلقنىڭ ئاڭ - سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى، مەدەنىيىتىنىڭ، ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدىغانلىقى ياخشى مەلۇمدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.12.28


ئۆزىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇ مىللىي مائارىپىنى ساقلاپ قېلىشقا زور كۈچ چىقارماقتا.

دۇنيا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «مائارىپ ئىسلاھاتلىرى» نىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئاشكارىلاۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاشقان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئالدىدا ھەل بولۇشىنى كۈتۈۋاتقان قانداق مەسىلىلەر بار؟ قانداق قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت؟ بۇ سوئاللار كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇشى تەبىئىي.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى يېمېليان ھوشۇروف ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.