قازاقىستان ۋە ئۇنىڭ ياۋرۇپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى ۋە بۇ جەرياندا قازاقىستان بىلەن مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. ياۋرۇپا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىزچىل ھالدا تەكىتلەپ كەلگەن قازاقىستان 2010 - يىلىدا ياۋرۇپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغىمۇ ساھىبخانىلىق قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.10.06
Nazarbay-Sarkoziy-Astanada-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 6 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺳﺎﺭﻛﻮﺯﯨﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻧﺎﺯﺍﺭﺑﺎﻳﯧﻒ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ.
AFP Photo

فرانسىيىنىڭ قازاقىستان بىلەن تۈزگەن ھەربىي كېلىشىملىرى ۋە قازاقىستاننىڭ ياۋرۇپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟

سەيشەنبە كۈنى قازاقىستان فرانسىيىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا ھەربىي لازىمەتلەرنى قازاقىستان ئارقىلىق توشۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىرلىكتە يەنە ئىككى دۆلەت مۇھىم ئېنېرگىيە كېلىشىملىرىنىمۇ ئىمزالىدى. فرانسىيىنىڭ قازاقىستان بىلەن ئىمزا لىغان ئېنېرگىيە كېلىشىمىنىڭ قىممىتى بىر يېرىم مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى دۆلەت يەنە 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي كېلىشىمنىمۇ ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم بويىچە قازاق ئارمىيىسى ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.
 
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىيمۇ " قازاقىستاننىڭ ئىران ۋە ئافغانىستاندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز ئەسەبىيلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك" دېدى.

فرانسىيىنىڭ قازاقىستان بىلەن بۇنداق مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشىنى ئالدۇق.
 
قازاقىستان 2010 - يىلىدا ياۋرۇپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بەزى دۆلەتلەر قازاقىستاندەك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ يىغىنىنى ساھىبخان بولۇپ ئېچىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما قازاقىستان بولسا ھەر پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ساركوزىي بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئارقىسىدىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدىمۇ بۇنى تەكىتلەپ: بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز مۇستەقىللىقىمىزنى كۈچلەندۈرۈش، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە قىممەت قارىشىغا ئىگە بولغان ياۋرۇپاغا يېقىنلىشىش، دېدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قازاقستاننىڭ ياۋرۇپا بىلەن يېقىنلىشىشنى تەكىتلىشى ۋە بۇنىڭ تەسىرى ئۈستىدە توختالدى.

بىز يەنە قازاقىستاندىكى پىشقەدەم سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قازاقىستان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ياخشى بىر باشلانغۇچ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ رايون ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بىر ۋەزىيەت يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.