0:00 / 0:00
مەرھۇم ئەنۋەر ھاجىيېۋ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي - سىياسىي ھوقۇقلىرى، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمەتلىرى ۋە قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.
ئەنۋەر ھاجىيېۋنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قايغۇغا چۆمدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالمۇتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.