خىتاي ئارمىيىسى خۇددى ئەنگىلىيە مۇتەخەسسىسلىرى دېگەندەك قەغەز ئەجدىھارمۇ؟

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچۇر - ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېڭ يەنشېڭ 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن، ئۇ جاۋاب بەرگەن بىرىنچى مەسىلە - خىتاي ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھارمۇ دېگەن مەسىلە.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ «تېڭشۈن» تور گېزىتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچۇر - ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ پىشقەدم كولونېل دەرىجىلىك قوماندانى گېڭ يەنشېڭ 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مۇخبىرلارغا، «ئامېرىكا ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينى فىلىپپىنگە قارشى چەكلىك ئۇرۇش قوزغىغان ئىدى، ۋېيتناممۇ خىتاي بىلەن ئېتىشىپ تىركەشكەن ئىدى، نەتىجىدە خىتاي پۈتۈن سەپ بۇيىچە كەينىگە چېكىندى دەپتۇ؛ ئەنگىلىيە مۇتەخەسسىسلىرى بولسا خىتاي ئارمىيىسىنى، 30 يىلدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىپ باقمىدى، ھازىر يەنىلا قەغەز ئەجدىھار دەپتۇ؛ بۇ گەپلەرنىڭ ھېچقانداق پاكىتى يوق، خىتاي ھېچقاچان قوشنا دۆلەتلەرنى خىتايغا تەڭ كېلەلەيدۇ دېگەن كۆز قاراشتا ئەمەس، خىتاي ھازىر رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دەپ جاكارلىغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچۇر - ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېڭ يەنشېڭنىڭ «خىتاي ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھار» دېگەن كۆز قاراش ھەققىدىكى باياناتىنى، خىتاينىڭ «س ن ئا» تور گېزىتى، «مالىيە» تور گېزىتى، «بېيجىڭ ياشلىرى» تور گېزىتى، «جەنۇب» تور گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى كۆچۈرۈپ باستى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ۋېنخۇي» تور گېزىتى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى.

«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جاۋ يۇڭچى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچۇر - ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېڭ يەنشېڭنىڭ، خىتاي ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھار دېگەن كۆز قاراش ئىسپاتسىز گەپ دېگەن كۆز قارىشىنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن رەت قىلدى:

«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جاۋ يۇڭچىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئارمىيسى ئۆتكەن ئەسىردە، ھېندىستان بىلەن چېگرا مەسىلىسنى ھەل قىلالمىغان «چېگرا ئۇرۇشى» ۋە ۋېيتنام بىلەنكى چېگرا توقۇنۇشىنى ھەل قىلالمىغان«قوغدىنىش ئۇرۇشى»غا قاتناشقاندىن بۇيانقى يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق زامانىۋىي ئۇرۇشقا قاتنىشىپ باقمىدى. خىتاي ئارمىيىسى ھازىرمۇ ئۆتكەن ئەسىردىكى خاتا كۆز قاراشتا. ھېلىمۇ «مەغلۇپ بولمايدىغان دۈشمەن يوق»، ھەتتا «ھەممە ئەكسىيەتچىلەر قەغەز يولۋاس» دەپ قۇرۇق گەپ سېتىپ ئۆزىنى ئالدايدىغان روھى ھالەتتە. خىتاي ئارمىيىسى يىللاردىن بۇيان قولىدا قورال يوق خەلققە قىرغىنچىلىق قىلالىغان بىلەن، خىتاي «جەنۇبىي تىبەت تارىختىن بۇيان بىزنىڭ زېمىنىمىز» دەۋاتقان جايدا تۇرۇۋاتقان ھىندىستان قىسىملىرىغا، خىتاي «تارىختىن بۇيان بىزنىڭ زېمىنىمىز» دەۋاتقان ئاراللاردا تۇرۇۋاتقان فىلىپپىن ھەربىي پاراخوتلىرىغا، ھەتتا جەنۇبىي دېڭىزدىن خىتاينى قوغلىغان ۋېيتنامغىمۇ ئىنكاس قايتۇرالمىدى. چۈنكى ئۇلار خىتايدىكى قورالسىز خەلق ئەمەس، ئۇلارنىڭمۇ قولىدا قورال بار. زامانىمىزدا قۇرۇق گەپ بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، خەلق كوممۇنىست پارتىيىدىن جاق تويدى، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى باشقا دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلسا، خىتاي خەلقى ئۇنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جاۋ يۇڭچىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى قوماندانلىرى چېرىكلەشكەن - خىيانەتچىلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئارمىيە. 2006 - يىلى ئاشكارىلانغان خىتاي دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ۋاڭ شۇيېنىڭ 160 مىليون يۇەن خىيانەت قىلغان ۋە شەھۋانىلىق دېلوسى پەقەت خىتاي ئارمىيىسىدىكى چېرىكلىك - خىيانەتچىلىك مەسىلىلىرىنىڭ بىر تامچىسى. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چېرىكلىك دېلولىرىنىڭ ھەربىي قىسىملارغا چېتىلمىغانلىرى يوق. ئازادلىق ئارمىيە ئارقا سەپ تەمىنات سىياسىي كومىسسارى گېنېرال ليۇ يۇەن بۇ يىلقى باھار بايرىمى سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان 600 نەپەر گېنېرالنىڭ ئالدىدا، قانداق چوڭ قوماندان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەربىي قىسىملاردىكى چېرىك - خىيانەتچىلەرنى تەلتۈرۈش جازالاشتىن باش تارتمايمەن دەپ قەسەمياد قىلغانلىقى، ھەربىي قىسىملاردىكى چېرىكلىكنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جاۋ يۇڭچىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى ھازىر «ئويۇن قويىدىغان ئارمىيە» گە ئايلىنىپ قالدى. ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ئۆز ئالدىغا قۇرۇۋالغان سەنئەت ئۆمەكلىرى بەك چوڭ، خىتاي ئارمىيىسدە ئارتىس قومانداق بەك كۆپ. خىتاي گۈزەل سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ليۇ داۋېي خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېتىنانت ئۇنۋانلىق قوماندانى. رەسسام جاڭ داۋشىڭ دېڭىز ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمنىڭ گېنېرال لېتىنانت ئۇنۋانلىق قوماندانى. ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسى بۆلۈمنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئارتىسى پېڭ لىيۇەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېتىنانت ئۇنۋانلىق قوماندانى. ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسۇل مۇئەللىمى ليۇ مېي خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېتىنانت ئۇنۋانلىق ئەڭ ياش قوماندانى. ئۇيغۇرلار زامانىمىزدا يەنىلا ئىشەك مىنىدۇ دېگەن نومۇردىن باشقىنى ئورۇنلىمايدىغان ئۇسۇلچى ئارتىس كېرەم ئابدۇگۇل خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېتىنانت ئۇنۋانلىق، كورپۇس باشلىقى دەرىجىلىك قوماندانى.... سەنئەت چولپىنى قوماندانلىرى بۇ قەدەر كۆپ خىتاي ئارمىيىسى ھازىر ئۇرۇش قىلىدىغان ئەمەس، ھەممە ئىشنى پەقەت ئويۇن قويۇپ ھەل قىلىدىغان ئارمىيىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇرۇش بولۇپ قالسا، ئويۇن قويۇپ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان «روھى ئاتوم بومبا» كېرەككە كەلمەيدۇ. ئۆزلىرىمۇ جەڭدە ئويۇن قويۇپ غەلىبە قىلىدۇ دېگەنگە ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن.

بۈگۈن بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان سەھىپىگە يوللانغان بىرمۇنچە قىسقا ئوبزورلار بار. ئۇنىڭ بېرىدە، ئادەتتە قۇرۇقلۇقتا ئادەملەر خادىغا باغلاپ كۈتۈرسە پولاڭلايدىغان قەغەز ئەجدىھار، دېڭىزدا كېرەككە كەلمەيدۇ. «خىتاينىڭ ئارمىيىسى قەغەز ئەجدىھار» دېگەن ئوخشىتىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ بايان قىلغان.