قەيسەر ئۆزھۇن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چاقىرىلغان "ئورال ‏- ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلەر بىرلىكى" ناملىق يىغىن داۋام قىلماقتا. 27 ‏- ئاۋغۇست كۈنى بۇ يىغىن 3 ‏- كۈنىگە قەدەم قويدى.

0:00 / 0:00

بۇ كۈندە يىغىنغا قاتناشقان قەلەمكەشلەردىن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر ئىستانبۇلدىكى ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ يېڭى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنى بەلگىلەش ئۈچۈن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ باردى.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ تۈنجى نۆۋەتلىك بۇ قۇرۇلتىيىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 22 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قەلەمكەش ۋەكىللەر قاتنىشىپ ئاۋاز بەردى.

سايلامغا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر يازغۇچى رابىك ئىسمائىلۇف رىياسەتچىلىك قىلىپ سايلام پائالىيىتىنى تەرتىپكە سالدى. سايلام نەتىجىسىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ بارلىق رەھبەرلىك قاتلىمى قىزغىن كەيپىيات ۋە تالاش ‏- تارتىش ئىچىدە دېموكراتىك ئۇسۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بەلگىلەندى.

سايلام نەتىجىسىدە كۆپ ئاۋاز بىلەن قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ سابىق باش كاتىپى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى رەئىسلىككە، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتچى دوكتۇر خەمىت ھەمرايۇۋا باش كاتىپلىققا سايلاندى. قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇلىغاندىن كېيىنكى ئېلىپ بارماقچى بولغان پىلانلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

سايلام ئىشتىراكچىلىرى رەئىسلىككە سايلانغان قەيسەر ئۆزھۇن ۋە باش كاتىپلىققا سايلانغان دوكتور خەمىت ھەمرايېۋ قىزغىن تەبرىكلىدى.

بىز سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ سايلام ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يېڭىدىن رەئىسلىككە سايلانغان قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى ۋە ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇتەخەسسىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى ۋەكىلى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.