خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ 9-نۆۋەتلىك تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنى ئاخىرلاشتى
2011.03.29

يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن، خىتايدىكى قەلەمكەشلەر ۋە ئۇيغۇر، تىبەت قەلەمكەشلىرى مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ، « ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرى تۈپەيلى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدا نۇرمۇھەممەت ياسىن مەسىلىسى ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا يازغۇچىلىرىغا تونۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق يىغىندىمۇ يۈزلىگەن داڭلىق يازغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىق ھايات كەچمىشلىرىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسەرنىڭ جەمئىي 40 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىمۇ مەخسۇس ۋەكىللىرى خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇلار خەلقئارا قەلەمكەشلەرگە ۋاكالىتەن ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىلىق دوكلات بېرىپ ئۆتكەن ئىدى. قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ب د ت ھەم ياۋروپا پارلامېنتىغا ئاڭلىتىش ئىمكانلىرىنىڭ بارلىقىنى، 2010-يىلى نۇرمۇھەممەت ياسىن مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.