خىتاي ساقچى ۋە شېرىكلىرى سىياسىي پاناھلانغۇچى قەمىردىن ئابدۇراخماننى پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە داۋاملىق تۈردە قىستىماقتا
2011.12.13

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى شېرىكلىرى قەمىردىنگە ئارقا-ئارقىدىن تېلېفون قىلىپ، ئۇنى پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىمەكتە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە يەنە خىتاينىڭ يەكەندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى رىزاخان ۋە ئابدۇقېيىم قاتارلىق شېرىكلىرى قەمىردىنگە تېلېفون قىلىپ، پاناھلىقتىن ۋاز كېچىشكە يەنە بىر قېتىم قىستىغان ۋە ۋاز كېچىشنى ئويلىشىشى ئۈچۈن، 28-دېكابىرغىچە مۆھلەت بەرگەن. قەمىردىن خىتاي شېرىكلىرىنىڭ بۇ تەكلىپى ۋە تەھدىتلىرىنى رەت قىلغان.
قەمىردىن 2009-يىلى ئانا يۇرتى يەكەننى كۆرگىنى بارغاندا، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنى جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 15 كۈن قاماپ قويغان. ئارقىدىن ئۇنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا ئۈندىگەن. قەمىردىن، ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تەكلىپنى يالغاندىن قوبۇل قىلغان. ئۇ دۆلىتى پاكىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن ۋە ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇققا زورلانغانلىقىنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە پاكىستان تەۋەلىكىدىن تەھدىت تېلېفونلىرى كېلىشكە باشلىغان. ئاخىرى ئۇ ئائىلىسى بىلەن ئافغانىستانغا كېتىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا پاكىستاندىكى خىتاي شېرىكلىرىدىن رىزا خان دېگەن كىشى ئۇنى پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن، يەنە ئىككى نەپەر نامەلۇم كىشى ئافغانىستانغا يېتىپ بېرىپ، قەمىردىننى ئافغانىستاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ئۈندىگەن. بۇ تەكلىپ-دەۋەتلەرنىڭ ھەممىسى قەمىردىن تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يەكەندىكى ئورگىنى قەمىردىنگە تېلېفون قىلىپ، رىزاخان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستانغا بارغان ئىككى نامەلۇم كىشىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ھەم ئۇنى پاناھلىقتىن ۋاز كېچىشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىگەن.
قەمىردىن خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىدىن يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پاكىستان جۇڭگو مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رىزاخان ۋە ئاندۇقېيىن قەمىردىننى يەنە ئىزدىگەن ھەم ئۇنى خىتاي كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىل كېچىلىكىگە دەۋەت قىلغان.
ئالدىنقى زىيارەتلىرىمىزدە، پاكىستاندىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزا خان ۋە ئابدۇقېيىم دېگەن كىشى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىقى بارلىقىنى بىلدۈرمىگەن. بىز ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن رىزاخانغا تېلېفون قىلدۇق. رىزاخان بۇ جەھەتتە ئۆزىنى ئاقلاشنى توغرا كۆرمىدى بولغاي، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
يۇقىرىدا، خىتاي ساقچى ۋە شېرىكلىرىنىڭ ئافغانىستاندا پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان قەمىردىن ئابدۇراخماننى سىياسىي پاناھلىقتىن ۋاز كېچىشكە داۋاملىق تۈردە قىستاۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردۇق.