قەشقەر "4 - ئاۋغۇست ۋەقەسى" دە ئەسكەرلەرنىڭ قولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 4 ‏ - ئاۋغۇست قەشقەر "سەمەن يولى ۋەقەسى" بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالغان كۈنلەرنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى يۈز بەرگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.09.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qeshqer-hujum-meydani1-305 ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

ۋەقەدە قارا ماشىنا ھەيدىگەن ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ئەتىگەنلىك يۈگرەشكە چىققان 70 كىشىلىك بىر چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنى ماشىنىغا باستۇرۇپ 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ يەنە ئەسكەرلەرگە پارتلاتقۇچ بومبا ئاتقان ۋە يارىدار ئەسكەرلەرنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى دۈشەنبە كۈنى بۇ ۋەقەگە ئائىت ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە گۇمانىي نۇقتىلار بارلىقىنى، ۋەقەدە ئەسكەرلەرنىڭ بىر بىرىنى پىچاقلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 4‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەن خىتاينىڭ قەشقەردىكى بىر چېگرا مۇداپىئە ئەترىتىنى قارا ماشىنىغا باستۇرۇپ، 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىك ۋەقەسىنى 2 ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر "بۆلگۈنچىلىرى"نىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قالايمىقان قىلىش قەستىدىكى " تېررورلۇق" ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چۈشەندۈرۈشىچە، قارا ماشىنا ھەيدىگەن 2 ئۇيغۇر ياش ئەتىگەنلىك يۈگرەشكە چىققان ئەسكەرلەرنى ئارقىدىن كېلىپ سوققان بولۇپ، ئۇلار يەنە قولدا ياسالغان بومبا ئاتقان ۋە ماشىنىدىن چۈشۈپ بەزى ئەسكەرلەرنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن ئىكەن.

ئەينى چاغدا دائىرىلەر بۇ 2 ياشنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكى، ياشلارنىڭ بىرىنىڭ تاكسى شوپۇرى، يەنە بىرىنىڭ كۆكتاتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ ۋەقە قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسىغا كېتىدىغان يولدىكى مىللى شىپاخانا ئالدىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ گازارمىسى، يولنىڭ قارشى تەرىپىدە تارىم نېفىتلىكىنىڭ مېھمانخانىسى جايلاشقان ئىدى. ئەينى چاغدا مېھمانخانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 3 نەپەر چەتئەللىك ساياھەتچى بار ئىدى. سۈرەن - چۇقان ئاۋازى بىلەن ياتاق ئۆيىنىڭ بالكۇنىغا چىققان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر يولنىڭ قارشى تەرىپىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شۇنداقلا بىر ساياھەتچى نەق مەيداننى 27 پارچە رەسىمگە تارتقان. بۇ رەسىملەرنىڭ بىر قىسىمى دۈشەنبە كۈنى نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى بايانلىرىغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ بايانلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىگە گۇمان پەيدا قىلىدىغان بەزى ئۇچۇرلار بار. شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئۇدۇلىدىكى مېھمانخانىدا ياتقان 3 چەتئەللىك ساياھەتچى ۋەقەدە پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىمىغانلىقىنى، لېكىن ئەسكەرلەرنى پىچاقلىغانلارنىڭ قارا ماشىنىدىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس، ھەربىي كىيىم كىيگەن 2 ئەسكەر بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ ئىشنىڭ بەزى سوئاللارنى تۇغدۇرماي قالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ساقچىلار نېمە ئۈچۈن قىڭغىراق كۆتۈرۈۋالىدۇ ؟ ياكى ئۇلار ئەسكەر كىيىمى كىيىۋالغان ھۇجۇمچىلار بىلەن ئېلىشىۋاتقانمىتى؟ ھۇجۇمچىلارنىڭ ئەسكەرلەر ئىچىدە ئادىمى بارمىتى ياكى بۇ، ئەسكەرلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشمىتى ؟ دەپ تەكىتلەنگەن. بىر گۇۋاھچى شۇ چاغدىكى ۋەقەنى "ساقچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئوخشايتتى،" دەپ تەسۋىرلىگەن. ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن يەرلىك دائىرىلەر بولسا نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋىرىگە باھا بېرىشنى، فورما كىيگەن كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئەسكەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى قەتئىي رەت قىلدى.

قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى، " مەن بۇ ئىشنى بىلمەيمەن، كەچۈرۈسىز، بۇ ئىشنى بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىمىز بار شۇ يەرگە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ. مەن ئىشنى بىلمەيمەن،" دەپ جاۋاب بەردى. بىز يەنە قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەترىتىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئورگاننىڭ ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى، بۇ ۋەقەنىڭ تېلېۋىزورلاردا بېرىلگەنلىكىنى، ئەگەر ۋەقەنى يەنە تەپسىلى ئىگىلەيمەن دېسەك قەشقەرگە كېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شى داگاڭ 5 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ۋەقە پەيدا قىلغان قارا ماشىنىدىكى 2 ئۇيغۇرنىڭ بىرىنىڭ تاكسى شوپۇرى، يەنە بىرىنىڭ كۆكتات ساتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنىڭ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ ئەسكەرلەرگە بومبا ئاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ يارىلانغان ئەسكەرلەرنى پىچاقلىغانلىقى، لېكىن ھەر ئىككى ئۇيغۇرنىڭ پارتلاتقۇچ بومبا، قىڭغىراقلار، پىچاقلار ۋە قولدا ياسالغان تاپانچىلار بىلەن تىرىك قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، شى داگاڭ ۋەقەدە ھەربىي كىيىم كىيگەن كىشىلەرنىڭ ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.

چەتئەللىك گۇۋاھچىلار نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا قارا ماشىنىنىڭ كابىنكىسىدىكى ئاق كۆڭلەكلىك ئۇيغۇر بالىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ كابىنكىدىن چۈشۈپلا قوپالماي يېتىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەينى چاغدا ۋەقەنى رەسىمگە تارتقان سۈرەتچى كابىنكىدىكى ئۇيغۇر بالىنى "ناھايىتى ئېغىر يارىلانغان ئىدى. ئۇ كابىنكىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا يەرگە يىقىلدى. ئۇ 4 - 5 قېتىم بېشىنى كۆتەردى، لېكىن ئورنىدىن قوپالمىدى،" دەپ تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قەشقەردىكى ۋەقەنىڭ ئايدىڭلاشمىغان نۇرغۇن تەرىپى بارلىقى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋىرى بۇنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلار ئەسكەرلىك كىيىمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىنى پىچاقلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ساياھەتچىلەرنىڭ بىرى ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى مۇنداق بايان قىلىدۇ ": بىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويغىنى ئەسكەرلىك كىيىمى كىيگەن ئىككى ئوفىتسېرنىڭ باشقا ئوفىتسېرلارنى پىچاقلاۋاتقانلىقى ئىدى. بۇ بىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى. بىز ئۈچىلىمىزدە ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىر بىرىنى پىچاقلايدۇ، دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولدى."

ۋەقەنى رەسىمگە تارتىۋالغان سۈرەتچى بولسا ھەربىي كىيىم كىيگەن 2 كىشىنىڭ قولى ئارقىدا تىزلانغان پېتى ئولتۇرغانلىقى، يەنە بىر ئەسكەرنىڭ ئۇلارنىڭ بىرىنى پىچاقلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 4 - ئاۋغۇست ۋەقەدە ئەسكەرلەر بىلەن ھەربىي كىيىمدىكى كىشىلەرنىڭ پىچاقلىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋىرى كىشىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىغا ئائىت گۇمانىي سوئاللارنى پەيدا قىلماي قالمىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.