بىر ئۇيغۇرنىڭ 6 - ئىيۇل قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدە كۆرگەنلىرى (1)

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بىر كۈن كېيىن چەتئەللىك بەزى مۇخبىرلار ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان بولغاچقا ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىر ھەپتىگىچە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن، يەنى 6 - ئىيۇلدا قەشقەردىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلگەن بولسىمۇ مەتبۇئاتلار نەق مەيداندىن مەلۇمات ئالالمىدى.

بىز بىرىنچى بولۇپ قەشقەر ۋەقەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چەتئەل پۇقراسى بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن بۇ ھەقتە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ ئۇيغۇر ئايال كۆز ياشلىرى ئىچىدە قەشقەردە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

بۇ ئۇيغۇر ئايال، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن قەشقەردىمۇ 500 ئەتراپىدا ياشنىڭ كوچىغا چىققانلىقىنى، قوراللىق ساقچى ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە تۇتۇپ سولىغانلىقىنى ھەم باش - كۆزى ئۇرۇپ يېرىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.