كانادادىن قەشقەرگە بارغان بىر خانىم: قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نەپەس ئېلىشىمۇ ئىنتايىن قىيىن

بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ كانادادىن ئانا يۇرتى قەشقەر شەھىرىگە زىيارەتكە بارغان بىر خانىم، قەشقەر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي ۋەزىيەتنى كۆرۈپ، ئۆكۈنۈش ئىچىدە كاناداغا قايتىپ كەلگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2011-10-20
Share
qeshqer-weqesi-qoralliq-charlash-305.jpg قەشقەردە يۈز بەرگەن يېڭى بازار ۋەقەسىدىن كېيىن، قوراللىق ئەسكەرلەر كوچىدا چارلاپ يۈرمەكتە. 2011-يىلى 2-ئاۋغۇست.
AFP

ئىسىم-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خانىم يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ قەشقەر شەھىرىدە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ بىر يەرگە كېلىپ تۇرالمايدىكەن. ئەگەر بىر توپ ئۇيغۇر ئۇزۇنراق ھال-ئەھۋال سورىشىپ تۇرۇپ قالغان تەقدىردە ئەسكەرلەر دەرھال يېتىپ كېلىپ ئۇلارنى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇرلايدىكەن. قەشقەر شەھىرىنى ئايلىنىپ رازۋېدكا قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرى داۋاملىق بەتلەكلىك ھالەتتە ئىكەن.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مېھمان چاقىرىشىمۇ ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كەلگەن مېھمانلار ئائىلىلىكلەر ئورنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ساقچىغا كىملىكىنى كۆرسىتىپ ئاندىن قورۇغا كىرىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ خانىم يەنە قەشقەر شەھىرىدە ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ھەم تانكا ۋە ھەربىي ماشىنىلارنىڭمۇ كۆپلۈكىنى كۆرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت