ئىسىم-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خانىم يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ قەشقەر شەھىرىدە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.
بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ بىر يەرگە كېلىپ تۇرالمايدىكەن. ئەگەر بىر توپ ئۇيغۇر ئۇزۇنراق ھال-ئەھۋال سورىشىپ تۇرۇپ قالغان تەقدىردە ئەسكەرلەر دەرھال يېتىپ كېلىپ ئۇلارنى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇرلايدىكەن. قەشقەر شەھىرىنى ئايلىنىپ رازۋېدكا قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرى داۋاملىق بەتلەكلىك ھالەتتە ئىكەن.
بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مېھمان چاقىرىشىمۇ ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كەلگەن مېھمانلار ئائىلىلىكلەر ئورنىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ساقچىغا كىملىكىنى كۆرسىتىپ ئاندىن قورۇغا كىرىشى كېرەك ئىكەن.
بۇ خانىم يەنە قەشقەر شەھىرىدە ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ھەم تانكا ۋە ھەربىي ماشىنىلارنىڭمۇ كۆپلۈكىنى كۆرگەن.