' قەشقەر خانلىق مەدرىسى يەر يۈزىدىن يوقۇتىلسىمۇ تارىختىن مەڭگۈ يوقالمايدۇ '

قەشقەر قەدىمىي رەستىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىلىۋاتقانلىقى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق قوزغاۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدىن خەۋەردار، قەشقەرنى بىلىدىغان ھەر قانداق كىشىنى ئېچىندۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي بىلىم يۇرتى بولغان قەشقەر خانلىق مەدرىسنىڭمۇ خىتاينىڭ قولى ئارقىلىق يەر يۈزىدىن مەڭگۈلۈك يوقىتىلغانلىقى ئۇيغۇرلاردا يەنىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-06-18
Share
Qeshqerni-Cheqish-Xitay-Pilani-1-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﻣﺎﻳﻜﯩﻞ ﯞﺍﻳﻨﯩﺲ ﻧﯩﯔ "ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﭽﻪ ﯞﻩ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯧﻨﺠﯩﻨﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ www.nytimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﻣﺎﻳﻜﯩﻞ ﯞﺍﻳﻨﯩﺲ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىي ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى غەرەز قىلغان بۇ ھەرىكىتىدىن نارازى بولغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تارىخچى قاھار بارات، تۈركىيىدىكى نەشرىياتچى جېلىل تۇران ئەپەندىلەر ئىستانسىمىزدا بۇ ھەقتە مەخسۇس پىكىر بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن قەشقەر خانلىق مەدرىسنىڭ چېقىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.