قىرغىزىستاندا پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنماقتا

قىرغىزىستان مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرىدىغان، تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن "قىلىم شامى" ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى بېشكەك شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىش قىلمىشىغا قارشى تۇرغان.

0:00 / 0:00

"قىلىم شامى" ئىنسان ھوقۇقى مەركىزىنىڭ باشلىقى ئەزىزە ئابدۇرۇسۇلوۋا باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەر قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.