قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر

مۇسۇلمانلار ئەگەر ئەمەل قىلسا، ئۇلار ئەڭ ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىگە كىشىلەردۇر. خەير - ساخاۋەت، بىر - بىرىنى يۆلەش، ياردەم قىلىش ۋە ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن ياخشى ئادەت. خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار بۇ گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى خەير - ساخاۋەت روھى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-08-19
Share

" ھازىرقى زامان ئىلىملىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىققا بولغان ئېھتىياجى"

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە چاقىرىلغان " ھازىرقى زامان ئىلىملىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىققا بولغان ئېھتىياجى" دېگەن تېمىدىكى چوڭ يىغىندا سۇداننىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ئىسام ئەل بەشىر ھەمكارلىق ۋە مېھرىبانلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇمشاقلىق قانداق بىر نەرسىگە كىرسە ئۇنى چىرايلىقلاشتۇرىدۇ، قوپاللىق قانداقلا بىر نەرسىگە كىرسە ئۇنى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ" دەپ كۆسەتكەن. مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، ئەڭ مۇھىم بولغان سودا - سېتىق، پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن ھايات ساھەلىرىدە مۇئەييەن دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنە بويىچە ئىش كۆرىدۇ. ئۇلار تەييار تاپلىقنى يامان كۆرىدۇ، ئىشلەشنى ۋە ئىشلىگەندىمۇ ھالال كەسىپنى ۋە ئۆز قولىنىڭ تەرى بىلەن پۇل تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : "كەسىپنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىشىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىشلىگەن ئىشى ۋە ھالال سودىدۇر" دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىس ئۆز ئىقتىدارى ۋە ئۆز مېھنىتى بىلەن پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ شەرەپلىك كەسىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ، سودىنىڭ ئەڭ ياخشى كەسىپ ئىكەنلىكىكە ئىشارەت قىلغان. مۇسۇلمانلار ئۆز مېھنىتى ۋە كۈچى بىلەن ئىشلەپ ھايات كەچۈرۈشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ، ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەر ئىشلەشكە قادىر بولالمايدۇ ياكى ئىشلىسىمۇ تۇرمۇشىنى جايىدا قامدىيالمايدۇ ياكى بىرەر سەۋەب بىلەن قەرزدار بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە جەمئىيەتتىكى قول ئىلكىدە بار كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرىدا، جەمئىيەتتىكى بايلارنىڭ پېقىرلارغا ياردەم قىلىشى ياردەمسۆيەرلىكتىن ھالقىپ، قىلمىسا بولمايدىغان پەرز دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن. مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئېسىل خىسلىتى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام " كىمكى قىيىنچىلىقتا قالغان بىر كىشىنىڭ شۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قىيامەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ" دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى موھتاجلارغا، پېقىرلارغا ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان .

قەرزدارغا كەڭچىلىك قىلىش گۈزەل ئەخلاق

ئىسام ئەل بەشىر يەنە مۇنداق دېدى: قەرزدارغا كەڭچىلىك قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە: " ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچىلىك كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار ، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى" دەپ تەلىم بېرىلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : "كىمكى ئۆزىگە قەرزدار بولۇپ قالغان ئادەمگە مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى كۆتۈرۈۋەتسە، قىيامەت كۈنى ئۇ ئادەم ئەرشنىڭ سايىسىدا بولىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن ھەممە كىشى بۇ تەلىماتلارغا چىن ئەمەل قىلىدىغان بولسا، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، بىر - بىرىنى يۆلەش، خەير - ساخاۋەت روھى جەمئىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولاتتى. نەتىجىدە، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەت، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسى تېخىمۇ كۈچلەنگەن بولاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت