گوللاندىيىدىكى " ئەرك كىنو ستۇدىيىسى" تۇنجى ئۇيغۇرچە فىلىم ئىشلىدى

ئۇيغۇرلار چەتئەلدە كىنو ئىشلەشكە باشلىدى. گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھرىدە ياشاۋاتقان ياش ھەۋەسكار رېجىسسورى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى ئىشلىگەن `جۇدالىق` ناملىق ھېكايە فىلىم رەسمى بازارغا سېلىنغان.

0:00 / 0:00

بۇ كىنونىڭ ھېكايىسىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاقتىدىمۇ كىنو ئىشلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھرىدە ياشاۋاتقان ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك يازغان بولۇپ، بۇ فىلىمدە ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان جەسۇر ئىسىملىق بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، ياۋروپاغا چىقىپ ئوقۇپ مەشھۇر بىر رەسسام بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سەرگۈزەشتىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

فىلىمدىكى جەسۇر ئىسىملىك ياش ئۇيغۇر دىيارىنىڭ لوپنور ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ رەسىم سىزىشقا قىزىقىدىكەن. ئۇنىڭ بالىلىق چېغى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، كىچىك ياشتا ئۇنىڭ ئانىسى تۈگەپ كېتىپ يېتىم قالغان. جەسۇر كىچىكلىكىدىن تارتىپ ئىلىم -پەنگە ئىنتىلىدىغان بالا بولغاچقا بىراز چوڭ بولغاندا ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ.

ئۈرۈمچىدىكى ھاياتىمۇ يېتىمچىلىك ۋە نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئوقۇش ئۈچۈن پۇل تاپالماي ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئاياغ مايلاشقا مەجبۇر قالغان ياشنى رەھمەتلىك دادىسىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغان نىياز تاغا بېقىۋالىدۇ. جەسۇر ئۇنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن ياۋروپاغا چىقىدۇ، ياۋروپادا ئوقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ كەسپىي جەھەتتىن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىغان جەسۇر، ئۆزىنىڭ قان راكىغا گىرىپتار بولغانلىق خەۋىرىنى ئالىدۇ.

ۋاپات بولۇش ئالدىدا تۇرغان جەسۇر ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشى تۈپەيلى ياۋروپانى تاشلاپ ۋەتىنىگە قايتىش كۆرۈنىشى بىلەن كىنو ئاخىرلىشىدۇ. دېمەك بۇ كىنودا ھەم ئاتا-ئانىسىدىن ھەم ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلغان كەسپىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر ياشنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يەنى كىنودىكى جەسۇر ئۆز ۋەتىنىدىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن ياۋروپاغا بارغاندىن كېيىن بەختكە قارشى ھاياتىدىنمۇ ئايرىلىدۇ.

بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ لوپنور، ئۈرۈمچى ۋە گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا تارتىلغانلىقىنى ئېيتقان ياش ھەۋەسكار ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى گەرچە بۇ كىنو يۇقىرى تېخنىكا ۋە كۆپ مەبلەغ سېلىپ ئىشلەنمىگەن بولسىمۇ، كېيىنكى يىللاردا چەتەلگە چىققان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى بىتەرەپ ھالدا ئەكس ئەتتۈرگەن تۇنجى كىنو ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدىمۇ ئېزىتقۇ كىنو ئىشلەش شىركىتىنى قۇرۇپ كىنو ئىشلىگەن بولسىمۇ خىتايدىكى قانۇنسىزلىق تۈپەيلى زىيان تارتىپ شىركەتنى يېپىۋېتىشكە مەجبۇر قالغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كىنو لىنتىسىنى سېتىۋېلىشنى خالىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى ئادرېس بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. www.erkstudio.com . كىنونى ئىشلىگۈچى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ `جۇدالىق` ئىسىملىك كىنو ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.