غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئۆسمۈرلەر ئوقۇشسىز قالدى
ﻣﯘﺟﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.11.23
2010.11.23

AFP Photo
غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىن پەنجىم يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، بايانداي يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، دادامتۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، يېڭىيەر يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، توغراق يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كېپەكيۈزى يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق 6 ئوتتۇرا مەكتەپ 2007 - يىلى 9 - ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تاقاش قارار قىلىنغان ئىدى.
بۇلتۇر ئەتىيازدا غۇلجا شەھەر ئەتراپى يېزىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى بۇيرۇق بىلەن مەجبۇرىي تاقالغاندىن كېيىن، بىز كۆپ قېتىم شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن پەنجىم، دادامتۇ، بايانداي قاتارلىق يېزىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆز يېزىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەم شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەنلا تاقىلىپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق مەكتەپ» نامىدىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىدىكى مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگىنىگە نىسبەتەن ئەپسۇسلىنىشتى ۋە نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، يېزىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى تاقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئىقتىسادى شارائىت سەۋەبىدىن شەھەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇلتۇر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئابلىمىتنى زىيارەت قىلىپ، يېزىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ تاقىۋېلىشىدىكى سەۋەبنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە «شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەن، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كەمچىل، دۆلەت مائارىپ ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى «ئىزاھلىغان ئىدى.
ئەينى چاغدا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ ئۇيغۇر باشلىقى يەنە شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دېھقان بالىلىرىدىن ئوقۇش پۇلى ئالمايدىغانلىقىنى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ياتاق پۇلىمۇ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا بالىلارنىڭ قالغان چىقىملىرىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا ئېغىر كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.(ئاۋاز)
ئەمما، بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتا-ئانىلار بولسا، ئىقتىسادى يار بەرمىگىنى ئۈچۈن بالىلارنى ئوقۇتۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يېزىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى تاقالغاندىن كېيىن، ئەمدىلا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغان ئوغلىنى، ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرمىگىنى ئۈچۈن، شەھەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا قۇربى يەتمىگەن بىر دادا ئۆز نارازىلىقىنى ھەم ئوغلىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئەنسىرىشىنى ئىپادىلىدى.
ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى تاقالغاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ 15 ياش ئەتراپىدىكى بالىلىرىنىڭ ئىقتىسادى يار بەرمىگىنى ئۈچۈن ئوقۇشسىز قېلىپ، ئاتا-ئانا ھەم جەمئىيەتكە زور بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايوندا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
بىز پەنجىم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېزىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى تاقالغاندىن كېيىن، يېزىدىكى ئوقۇشسىز قالغان ئۆسمۈرلەر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، يېزا باشلىقى ئۆمەرجان ھەم يېزىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل كادىرى جاۋ شاۋيۇڭلارغا تېلېفون قىلدۇق.
يېزا باشلىقى ئۆمەرجان مۇخبىرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن تولىمۇ قوپال سۆزلەر بىلەن مۇخبىرنى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
يېزىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرى مۇئاۋىن يېزا باشلىقى جاۋ شاۋيۇڭ گەرچە ئەدەپ يۈزىسىدىن تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يەنە، ئەسلىدىكى پەنجىم ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى ئېچىشقا شارائىتى تولۇقلۇقىنى، ئاز كەم يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى سەۋىيىسىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ تاقىلىشىنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ غۇلجا مائارىپ تارىخىدىكى بىر يوقىتىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن، ئەينى چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ئابلىكىمنىڭ نەزىرىدە مەكتەپنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇشى مەكتەپنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلىمەيدىكەن. ئابلىكىمنىڭ نەزىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان، تالانتلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدىغان ئورۇن ئىكەن، دۆلەت بەلگىلىگەن 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۆزىلا ھازىرقى شارائىتتا يېزىلار ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەن.
بىز شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئابلىكىمدىن، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇشسىز قالغان ئۆسمۈرلەر مەسىلىسى ھەققىدە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇنى زىيارەت قىلدۇق. ئەمما، ئۇ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگىنىدىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
« قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» باھانىسىدە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۇ يىللاردىكى چېكىنىشكە نىسبەتەن، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان زىيالىيلار ئارىسىدا بەس - مۇنازىرىلەر قوزغالماقتا. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز پىكرىنى بايان قىلغان ئىلھام توختىغا ئوخشاش زىيالىيلارنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىمۇ ۋەيران قىلىش گىردابىغا ئىتتىرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرى مائارىپ تەربىيىسىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئومۇمىي ئىجتىمائىي كەيپىياتتا بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىپ، زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
ئەمما، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولغان ئابلىكىم، يېزا باشلىقى ئۆمەرجان قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، كۆرمەسلىككە سېلىشى، ھەتتا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ئۇلارنىڭ بۇ نۇقتىنى تېخىچە ھېس قىلىپ بولالمىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى ئۇلار بۇنداق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتامدۇ؟