قوش تىل مائارىپىدىكى سان ۋە سۈپەت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش بىلەن تەڭ، قوش تىللاشتۇرۇۋاتقان يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە، خىتايچە ئوقۇتۇشقا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇشقا ھەتتا جەمئىيەتتىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ سەپلەش پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-01-14
Share
qosh-til-xoten-mektep-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ - ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئەمما بۇ خىل چوڭ پىلان ھەم سىياسەتلەر ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىغا تەرەققىيات ئېلىپ كېلەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئېچىنارلىق مەسىلىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.

خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپىغا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش پىلانى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2000 - يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپى نامىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى يىلدىن يىلغا كۈچەيتىپ بارماقتا.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك يېقىندا يەنە، ئۇيغۇر ئېلى يەسلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى رەسمى پىلانغا كىرگۈزۈپ مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ نۇقتىلىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇشنى جىددىي ھالدا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش نامىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن " ئۇيغۇر ئېلى قوش تىل مائارىپىغا كېرەكلىك قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە سەپلەش" پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

يەنى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ 2003 - يىلى - 7 ئايدا ئېلان قىلغان "شىنجاڭغا خىتاي تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇقتۇرۇشى" نامىدىكى ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلىدىن 2006 - يىلىغا قەدەر، بېيجىڭ، تيەنجىن، جياڭسۇ، شەندوڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ھەر يىلى ئىككى يۈز نەپەردىن خىتاي ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرۇش، 45 ياشتىن تۆۋەن بولغان مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش ئىشلىرىغا ياردەمگە ئەۋەتىش قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قوش تىل مائارىپى ئۈچۈن خىزمەتكە بارغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىغا دۆلەتتىن يەنە ئايرىم مائاش قوشۇلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ ۋە ساقلىق سۇغۇرتىسىنى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ھەل قىلىدىغانلىقى، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارغا ئوخشاش ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

قوش تىل مائارىپى خىتاي ئىشسىزلارغا يېڭى ئىش پۇرسىتى ياراتماقتا

بۇ خىل ئەۋزەل شارائىت ۋە ئىمتىيازلىرى، خىتايدا ئىش كۈتۈپ تۇرغان خىتايلارنى ئىنتايىن قىزىقتۇرغان بولۇپ، بۇنى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ 2006 - يىلى، جەمئىيەتتىن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىقىغا جەمى 935 كىشىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىغا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىلتىماس قىلغانلىقىدىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

2006 - يىلىدىن 2008 - يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر مائارىپ تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى قوش تىل باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە جەمئىيەتتىن يەنە 2347 نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ تولۇقلىغان.

قەشقەرنىڭ مائارىپ خەۋەرلىرىدىن مەلۇمكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭغا خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەش پىلانى بويىچە،2007 - يىلىغا قەدەر قەشقەر تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەرگە، شەندوڭ ئۆلكىسىدىن ئۈچ تۈركۈم، جەمئىي 503 نەپەر، بېيجىڭدىن ئىككى تۈركۈم جەمئىي 100 نەپەر خىتايلار ئوقۇتقۇچىلىققا كەلگەن.

2008 - يىلى 10 - ئايدا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى يەنە 2008 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلى قوش تىل مائارىپىغا 15 مىڭ 600 نەپەر ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلاننىمۇ جىددىي ئەمىلىلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوش تىل مائارىپىغا ياردەمگە كەلگەن پىدائىي ئوقۇتقۇچىلار ئاتىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشقا يەسلى مائارىپىدا ئەمدىلا تىلى چىقىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايچە تىلىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

2008 - يىلىدا قەشقەردە يېڭى قۇرۇلغان قوش تىل يەسلىسى 444 كە، ئوقۇغۇچىلار سانى 63 مىڭ 400 گە، جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىنغان قوش تىل يەنى خىتاي تىلى تەربىيىچىلىرى 2251نەپەرگە يەتكەن.

خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىشكە ياردەمگە كېلىشىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى يەنە خىتايدىكى پىداگوگىكا مەكتەپ پىراكتىكانتلىرىنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، 2008 - يىلى ئاۋغۇستتا غەربىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 171 نەپەر پراكتىكانتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى قوش تىل مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىلگەن.

قوش تىل مائارىپىدىكى سان ۋە سۈپەتتە تەتۈر تاناسىپلىق ئۆزگىرىش

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانلىرى ۋە يەنە باشقا تۈرلۈك مۈشكۈل ئۆتكەللەر ئارقىلىق شاللىنىپ ناھەق رىقابەتكە سۆرەپ كېلىنىۋاتقان بولسا، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىۋاتقان خىتايلارغا مۇۋاپىق ئۆلچەملەر قويۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پىدائىيلار نامىدا كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا تۈرلۈك مەسىلىلەر كۆرۈلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ئىككى يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان بىر قۇرۇلتاي ۋەكىلى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە پەيدا بولىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ،يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم قوش تىل مەكتىپىگە بارغانلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن سىلەرنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچۇڭلار قېنى؟ دەپ خىتاي تىلىدا سورىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا قويۇق سىچۈەن تەلەپپۇزىدىكى خىتاي تىلى بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقى، ئەسلىدە بۇ مەكتەپنىڭ خىتاي تىلى دەرسى ئوقۇتقۇچىسى سىچۈەندىن كەلگەن خىتاي ئىكەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ يارىتىۋاتقان ھەممىدىن ئېغىر ئىككى مەسىلىنىڭ " بىرى ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك، يەنە بىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇش" مەسىلىسى دەپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتى شۇنداقلا بۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى سەپلەش پىلانى، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا ساننى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىلەن سۈپەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدىمۇ؟

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئىلمىيلىكنى ئاساس قىلماي پەقەت سىياسەتنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، تەجرىبىلىك لاياقەتلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى قىسقارتىپ، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرغان بولسا، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كەمتۈك خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بىلەن تولۇقلاش ئارقىلىق ئەسلىدىنلا خىرىسقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سۈپىتى بارغانچە تۆۋەنلەپ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا.

رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىنمۇ يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇشتىكى ئەسلى مەقسىتىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانىنى ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، نارازىلىقمۇ كۈچەيمەكتە.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت