قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان كونتروللۇق يەنىمۇ كۈچەيتىلدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھەر ساھە، ھەر كەسپ ھەم قاتلاملاردا، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە قايتا تەربىيىلەش دولقۇنى ھاسىل قىلغانلىقى مەلۇم.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-11-19
Share
Heyt-Namazdin-keyin-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئىگە بولۇشىمىزچە، دائىرىلەر بۇنىڭغا ماس ھالدا يەنە قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر بىر يېزا - كەنتلەردە قاتتىق تەدبىرلەر ئالماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن مەلۇماتلار ئاڭلايلى.

ئۇيغۇر ئېلى تىنچلىق تورلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامانلىق ئىشلىرى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بىر تەرەپتىن ھەر ساھە بۇيىچە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش سىياسىي ئۆگىنىشلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن تەڭ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللانماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتا كۈچەيتكەن تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا ‏ - كەنتلەردە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش بولۇپ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ھەمدە غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ھەر بىر ناھىيە ھەم يېزا ‏ - كەنتلەردە كۆچمەن نوپۇسنى باشقۇرۇش مەخسۇس ئىشخانىلىرى قۇرۇلغان. بۇ ئىشخانىلارغا يەرلىك ساقچى خادىم ھەمدە ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن بىر ياكى ئىككىسى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ تىزىمىنى ئېلىش، سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ۋە جايلاردا تۇرۇش ۋاقتىغا قاراپ رۇخسەت بېرىش قاتارلىقلار بولۇپ، نۆۋەتتە ھەر كەنت ‏ - يېزىلاردىكى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئۆز ئائىلىسىگە ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن ياكى كەلمەكچى بولغان مېھمان ۋە ياكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارنى مۇشۇ ئورۇنلارغا تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.

قەشقەردىكى ناھىيە، يېزا ھەم كەنتلەردە بۇ توغرىسىدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رايون باشلىقى بۇيىچە، كوچا باشلىقى، ئائىلىلىك قوروسى باشلىقى، ئولتۇراق بىنا باشلىقى تەيىنلەپ، بۆلۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىر كىشىنىڭمۇ تىزىملانماي قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بۇيىچە دائىرىلەر بەزى جايلاردا ئۆيمۇ ‏ - ئۆي كىرىپ كىشىلەرنىڭ نوپۇس تەۋەلىكى ھەم كېلىم - كېتىم ئىشلىرىنى ئېنىقلىماقتا ئىكەن.

مەسئۇل دائىرىلەر كۈندە تەكشۈرۈش، ھەپتىدە بىر خۇلاسىلەش ھەمدە مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان گۇمانلىق كىشىلەر، تىزىملانمىغان ياقا يۇرتلۇقلارنى مەلۇم قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللانماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەردە چۈشەندۈرۈلۈشىچە،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشى،مۇشۇ قىش ھەم ئەتىياز پەسلىدە جايلاردا ئاقما نوپۇستىكى كىشىلەرنىڭ ئامانلىققا تەسىر يەتكۈزۈش، جىنايەت سادىر قىلىش بوشلۇقىنى تارايتىش، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى بېشىدىن باشلاپ تازىلاپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

قەشقەردىكى بەزى دېھقانلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا،خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە 4 - ئاۋغۇست ھەم 12 - ئاۋغۇست ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىزدەش باھانىسىدە قەشقەردىكى يېزا ‏ - كەنتلەردە ئۆيمۇ ‏ - ئۆي ئاختۇرۇش، مۇددەتلىك تۇرۇۋاتقان ھەم كېلىپ ‏ - كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىزىمىنى ئېلىشنى باشلىغان ئىكەن.

بىز كۆچمەن نوپۇسنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن،قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى ياقا ئېرىق يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ سورىدۇق. ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەدبىر يالغۇز خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي ئاققۇنلارنى باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن سىرت، ھەر بىر مەسچىتكە ئۇيغۇر كادىرىدىن بىرى ھەم جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرىدىن بىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويماقتا ئىكەن. قارىماي تىنچلىق تورىدىكى بۇ ھەقتە خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەسچىتلەرنىڭ مۇقىملىقنى باشقۇرۇشتا تىل ھەم ئىدىيە ئالماشتۇرۇشتا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن پارتىيە ھەم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئۇيغۇر كادىرلارنى تاللاپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ كادىرلار مەسچىتتىكى دىنىي زاتلارغا خىتاي كومپارتىيىسى ھەم ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتى، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيەتلىرى ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى جامائەتكە قانداق يەتكۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەمكارلىشىدىكەن ھەمدە مەسچىتنىڭ ئامانلىقى، مەسچىتكە كىرىپ ‏ - چىققۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەمدە مۇقىملىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىكەن.

مارالبېشى ناھىيىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا كۈچەيتىلگەن بۇ تەدبىرلەر ھەققىدە قىسقىچە جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭمۇ مەسچىت باشقۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا ئارتۇق جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت ھەمدە قۇربان ھېيت بايراملىرىدا شۇنداقلا خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە ھەم دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رامىزان مەزگىلىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئالغان، ھەتتا ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ خوجايىنلىرىنى رامىزاندا سودىنى توختاتماسلىققا قىستاپ مۇناسىۋەتلىك كاپالەتنامىگە مەجبۇرىي قول قويغۇزۇپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت