رابىيە قادىر خانىم 19-يانۋار كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن 19-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 دە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى رېبرېېن بىناسىدا ئېچىلغان مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.01.19
DC-namayish-urumchi-Rabiye-305 7 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯓ ﺷﺎﯞﮔﯜﻩﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩﻫﺸﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
RFA Photo

رابىيە قادىر خانىم ئۆز باياناتىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان، تور بەتلىرىدە ماقالە-ئەسەر ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنىپ، ئېغىر جازاغا تارتىلغان ئۇيغۇر مۇخبىر، زىيالىيلىرى، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىدىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقى مەسىلىلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رېبرېېن بىناسىدا ئېچىلغان مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىدا يەنە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تىبەت تەشكىلاتلىرى ھەم خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بايانات بېرىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە، خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.