رابىيە قادىر: " شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ خىل كۈچلەر مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار مەۋجۇت ..."

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 10 - سېنتەبىر كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان مۇئاۋىن سېكرىتارى ھەم رەئىسى نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ھەمدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

0:00 / 0:00

نۇر بەكرىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختالغاندا شەخسى ھۇجۇم خاراكتېرلىق ھاقارەت قىلغانلىقى ھەم تەھدىدى ئىبارىلەرنىمۇ ئىشلەتكەنلىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە زور تەنقىدى ئىنكاسلارنى مەيدانغا كەلتۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز نۇر بەكرىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.