ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «خەلقئارالىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان بىرىنچى ئەركىنلىك مەركىزى دەپ ئاتالغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئورگىنىنىڭ 2013-يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

0:00 / 0:00

16-يانۋار كۈنى ئاخشىمى ۋىرگىنىيە شىتانىڭ مەركىزى رىچموند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ مۇكاپات رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوشقان تۆھپىلىرىگە بېرىلگەن.

بۇ يىللىق مۇكاپات رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە يەنە ۋىليام ۋە مېرىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تايلور رېۋېلي ھەمدە «كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى» تەشكىلاتىدىكى تاد ستانكې قاتارلىق كىشىلەرگىمۇ بېرىلدى.

«خەلقئارالىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ھەر يىلى 16-يانۋار ۋىرگىنىيە شتاتىدا خاتىرىلىنىدىغان «دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» نى مۇناسىۋىتى بىلەن يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. 16-يانۋاردىكى مۇراسىمغا داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى، دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، پروفېسسورلار ۋە باشقا ھەر ساھەگە مەنسۇپ كىشىلىك ھوقۇق ھەم دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ئەرباپلاردىن 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. رابىيە خانىم مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغاندا پۈتۈن زالدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى نورۋېگىيىنىڭ «رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ھەمدە باشقا بىر قىسىم مۇكاپاتلارغىمۇ سازاۋەر بولغان. ئۇ يەنە بىر نەچچە قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتى بولغان ئىدى.