رابىيە قادىر: «ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىققا يەتمىگۈچە چېكىنمەيدۇ»

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق، ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى، دۇنيا جامائەتچىلىكىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ بارا-بارا ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ كۈرەشنىڭ تۈپ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا. بولۇپمۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبى زادى نېمە، بۇ ھەرىكەتلەر تېررورچىلاردىن، دىنىي رادىكاللاردىن كېلىپ چىقىۋاتامدۇ ياكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىمۇ، ئۇيغۇرلار نېمىنى خالايدۇ، ئۇلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىرەر مۇرەسسەگە كېلىشى مۇمكىنمۇ، دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرماقتا.

يېقىندا «ئازادلىق» رادىئوسى قازاق بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەد تاھىر بۇ ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

سۆھبەت جەريانىدا د ئۇ ق رەئىسى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى بويىچە قاماققا ئېلىشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە توختىمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خوتەن ۋە قەشقەردە ئورۇن ئالغان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا پاكىستاندا تەييارلىقتىن ئۆتكەن مۇسۇلمان رادىكالچىلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نېمە دەيسىز، دېگەن سوئالغا رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇرغان: بۇ-ساختا. بۇ-يۈز پىرسەنت ساختا. بارلىقى، شۇ جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي خەلقى، ئۇيغۇر خەلقى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ژۇرنالىستلىرى بۇنى بىلىدۇ. بۇ زوراۋانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئادەملەر «خىتايلار قولىدىن» زەرداب چەككەنلەر ھەم ئۇلار بۇنىڭغا چىدالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بەش-ئالتە ئادەمنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئىسلامچى ۋە پاكىستان تېررورچىلىرى بىلەن باغلىنىشى بارلىقىدا ئىقرار بولۇشقا مەجبۇرلىغان ئوخشايدۇ. بۇ توقۇلغان تارىخنى ئۇلار مۇشۇنداق ياساپ چىقارغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئۇسۇلنى ماڭىمۇ قوللانغان. تۇتۇلغانلار بۇ جىنايەتلەرنى «ئىقرار قىلغان» ھەم كېيىنىرەك ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلماقتا.»

رابىيە قادىر خانىم سۆھبەتتە شۇنداقلا خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختىمايدىغانلىقىنى ھەم بۇ ھەرىكەتلەرنى تېررورچىلىق ئەمەس، بەلكى ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنسانچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ھەم مۇستەقىللىققا يەتمىگۈچە كۈرەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھۈسەنجان قۇربانوف مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.